بۈگۈن شاڭخەي ۋە شىنجىدىكى ئىككى پاي بازىرى چۈشۈش بىلەن باشلاندى، شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %3.02 چۈشۈپ كەتتى، شىنجىن پاي كۆرسەتكۈچىمۇ %4.38 چۈشۈپ كەتتى، يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى %5.54 چۈشتى. شىنجىن-شاڭخەي 300 كۆرسەتكۈچى بازار باشلىنىشى بىلەنلا %2.5 چۈشۈپ كەتتى.
كەسىپ تۈرى بۇيىچە قارىغاندا، ئېنتىرنېت تۈرىدىكى پايلار ھەر ئىككى بازاردا تەڭلا چۈشۈپ، چۈشۈش چاستۇتىسى %8.38 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كوئىنلون ۋەنۋېي قاتارلىق يەتتە پاي %10 چۈشۈپ چۈشۈشتىن توختىدى. كان مەھۇسلاتلىرى، ئىسكىلات، ئوبروت قاتارلىق پايلارمۇ %7 تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى.
Aپاي بازىرىدا 2490 پاي بازار باشلىنىشى بىلەنلا چۈشۈپ كەتتى؛ 100 دىن ئارتۇق پاي %10 چۈشۈپ چۈشۈشتىن توختىدى؛ ئىككى بازاردا پەقەت 52 پاي ئۆستى؛ بازار قىممىتى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان 19 پاي ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى.
4- يانۋار ئامېرىكا پاي بازىرىدىمۇ چوڭ چۈشۈش كۆرۈلۈپ، پاي كۆرسەتكۈچى 400 ئاساسى نۇقتا چۈشۈپ كەتتى. نيۇيروكتىكى داۋجىنىس كۆرسەتكۈچىمۇ بىراقلا 450 ئاساسى نۇقتا چۈشۈپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved