ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسىغا پاي قوشماقچى

         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد دوللارغا تۆۋەنلىتىشىنى ئىلتىماس قىلغان.

ماتىرىيالدىن قارىغاندا، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، Flipkart ئامازون بىلەن ئوخشاش پەقەتلا كىتاب ئوقۇيدىغان تور بەت ئىدى، ھەم Flipkart نىڭ ئىككى نەپەر قۇرغۇچىسى ساچىن بانسال ۋە بىننى بانسال ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى ئىككىلىسى ئامازوندا خىزمەت قىلغان.

ھىندىستاننىڭ ئېلىكترونلۇق سودا شىركىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 2014-يىلى 5-ئايدا، Flipkart سۇپىسى DST ، Tiger Management ۋە باشقا مەبلەغ سېلشى شرىكىتىدىن 210 مىلىيون دوللار مەبلەغكە جۇغلىغان.


          2014-يىلى 8-ئايدا، Flipkart سۇپىسى 1 مىلىيارد دوللار مەبلەغ جۇغلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، سىنگاپورنىڭ بايلىق فوندى GIC شىركىتى Flipkart نىڭ ئەسلىدىكى مەبلەغ سالغۇچىسى يولۋس يەرشارى باشقۇرۇش شىركىتى، جەنۇبى ئافرىقا Naspers شىركىتى ۋە مورگان سىتەنلى بىلەن ئورتاق مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان.

2014-يىلى 12-ئايدا، Flipkart قايتا 700 مىلىيون دوللار مەبلەغ جۇغلىغان، Baillie Gifford، Greenoaks Capital، Steadview Capital، T.Rowe PriceAssociates ۋە قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى يېڭى مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلانغان.

ئۇدا ئۈچ ئايلانما مەبلەغ جۇغلاشتىن كېيىن، Flipkart سۇپىسى 2014-يىلى ئومۇمى جۇغلىغان مەبلىغى 2 مىلىيارد دوللارغا يېقىنلاشتى. ناۋادا بۇ قېتىم ئالى بابانىڭ مەبلىغىگە ئېرىشسە، Flipkart نىڭ مەبلىغى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.

نۆۋەتتە ھىندىستاندا Flipkart، ئامازوننىڭ ھىندىستاندىكى تارماق شىركىتى ۋە Snapdeal ئېلىكتىرونلۇق سودا بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ ماگىنات. ئوخشاشلا 2014-يىلى Snapdeal ياپونىيە SOFTBANK گوروھىنىڭ 627 مىلىيون دوللار مەبلىغىگە ئېرىشكەن؛ 2014-يىلى 8-ئايدا، Snapdeal.com بەش يۈز مىلىيون دوللار مەبلەغ جۇغلىدى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالى بابا، فۇشىكاڭ ۋە SOFTBANK نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىملىق مەبلەغ جۇغلاش ئارقىلىق، Snapdeal.com نىڭ مۆلچەر قىممىتى 5 مىلىيارد دوللارغا يەتكەن.




خەتكۈچلەر:
05-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
04-02-2016
           بۈگۈن شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى بازار باشلىنىشى بىلەنلا ئۆسۈشكە باشلىدى ۋە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2793.30 نۇقتىغا چىقىپ، 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى نۇقتا قايتۇرۇۋېلىندى. بازاردا ھەربىي سانائەت، ئۆي مۈلۈك، پۇ...
Powered by Leglek