ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى .نۆۋەتتە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 16 ھەربىي پاراخوتى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە ئىزدەش ،تىنچلىقنى ساقلاش ،دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش قاتارلىق ئۇرۇشتىن باشقا ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىپ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلدى .
دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جىڭگاڭشەن ناملىق دېڭىز پاراخوتى : 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 4 پاراخوتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن كۆزىتىش ۋە پاراخوتقا سەپلەنگەن ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىق مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى قالدۇقىنى ئىزدەش خىزمىتىگە چىقتى .بۈگۈن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەۋاتقان 46-كۈن بولدى ،جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوتتىكى كۆزەتكۈچىلەر ،كۆزىتىش نۇقتىسىنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي كۆزەتتى .
پاراخوتتىكى فوتو ئېلېكتىر ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كېچىلىك كۆزەتكۈچ ئىشلىتىلتىلدى .پاراخوتقا ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان سەپلەنگەن بۇلۇپ ،ئىزدەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ،بۇ قېتىم مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەشكە ،دېڭز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوتتىن باشقا يەنە باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق پاراخوت قاتارلىقلارنى قاتناشتۇردى ،بۇ قېتىم مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش ھەرىكىتى - ئېلىمىز دېڭز ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قاتناشقان كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشسىز ھەربىي ھەرىكەتتۇر .
ئۇلارنىڭ تېز سۈرەتتە ئىزدەش ، تېز سۈرەتتە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش بىلەن تەڭ يەنچى پاراخوتىنىڭ ،ئورنىغا سەپلەنگەن ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ خۇاڭشەن ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق قوغدىنىش [پاراخوتى ئوتتۇرا دېڭىزدا 16-تۈركۈمدىكى سۈرىيىنىڭ خىمىيىلىك قوراللارنى يوقىتىش ترانسىپورت پاراخوتىنى يول بويى قوغداپ ماڭدى .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە مەخسۇس خادىمى :‹جۇڭگو ئەۋەتكەن بۇنداق پاراخوتنىڭ ئەسلىھەلىرى ئىلغار ،رەھبەرلىك قىلىش ، باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ،بۇ پاراخوتنىڭ قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رايون تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىنى نامايەندىسى ›دېدى .سۈرىيە مەسىلىسىنى قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ .بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيىسى دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلنىڭ 5575 پاراخوتىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ،تۇتقۇن قىلىنغان 48 پاراخوتنى قۇتقۇزدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئامېرىكا نيۇيورك. 1000 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار توققۇز ئاي ئىلگىرى «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراققا بارغان.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved