31-مارت مۇخبىر بېييۈەنچۇن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىغا كېلىپ، كۆكتات سېتىش رايونى ئىچىدە كۆكتات تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شۇنداقلا كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەم كۆكتات باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر مۇقىم ئىكەنلىكىنى بايقىدى. كۆكتات سودىگىرى چى ئەپەندى مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئالدىنقى كۈندىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆك چېچەك، سامساق نوتىسى، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى بىر ئاز ئۆرلىدى››.
بېييۈەنچۈن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇ فىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹بازىرىمىزدىكى 32 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسىنى تەكشۈردۈق، 31-مارت 30-مارتقا سېلىشتۇرغاندا 8 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن، 3 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن، 20 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆزگەرمىگەن››.
قىسمەن كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە قارىتا لۇ فىڭ مۇنداق دەپ تەھلىل قىلدى: ‹‹كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن ئەڭ چوڭ سەۋەبى يەنىلا كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بولۇشى مۇمكىن. قايسى خىل كۆكتات كۆپ بولسا باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، قايسى خىل كۆكتات ئاز بولسا باھاسى ئۆرلەيدۇ، ھەر يىلى مارتتىن ماي ئېيىغىچە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ››.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved