ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىز چوڭقۇرلاشسۇن
07-12-2014
0
1510
يازغۇچى: ‏نائىلە
thumb

لەگلەك تورى تەرجىمىسى : ئەيدىز كېسىلى ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئائىلىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىك، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەيدىز كېسىلى ھازىر پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېز تارقالماقتا، مەملىكىتىمىزدىمۇ ئەيدىز كېسىلى تېز سۈرئەتتە تارقىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەگەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھالدا تىزگىنلىمىگەندە دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىپ ھەرقايسى ساھالەر ئورتاق ھەمكارلىشىپ پۈتۈن جەمئىيەت تەڭ قاتنىشىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تۈزۈلمىسىنى تۇرغۇزۇش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك جەمئىيەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش بولسا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنىڭ بىرى.

ئەيدىز كېسىلى بولسا ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك، نۆۋەتتە ھازىرغىچە بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان دورا ۋە ئۇسۇل يوق، بىراق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ھازىرغىچە تورلاردا گېزىت ژورناللاردا بۇ توغرىسىدكى بىلىملەر خەۋەرلەر كۆپەيگەن بولسا ئەمما ئەيدىز كېسىلىگە سەل قارايدىغان ياكى ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغىنىنى بىلمەي يۈرۈيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ . تۆۋەندە ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىر قانچە خىل ئاددىي ئالامەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .

 

كېسەللىك بىشارىتى ۋە ئالامەتلىرىنى كۈزىتىش:

 


HIv يۇقۇملانغۇچىلىرى ئېممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سالامەتلىك ئۆزگىرىشلىرىنى قانداق كۈزىتىشنى بىلىۋېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قانداق كېسەلگە ۋاقتىدا داۋا ئىزدەپ، ئېممۇنىتېتېت سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قانچە بالدۇر دىئاگنوز قويۇلسا، ئۈنۈملۈك داۋالىنىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، قانداق كېسەل بولۇشتىن قەتئىنەزەر دوختۇرنى ئېنىق ۋە تەپسىلى بولغان كىسەللىك دوكلاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ ئارقىلىق توغرا بولغان داۋالاش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

 

 

 

دېققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئالامەتلەر:

 

 

 


قىزىتما-قىزىتما بولسا بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.HIV دىن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن، يۇقىرى گرادوسلۇق قىزىتما بىلەن بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىزىتمىلارنىڭ ھەممىسى دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.نەپەس قىينىلىش دەم سىقىلىش ۋە تېزلىشىش،باش ئاغرىش-بىر قىسىم باش ئاغرىقى سىزنىڭ نېرۋا سېستىمىڭىزدا مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.ئىچ سۈرۈش: ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ئىچ سۈرۈش بار

 


ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش: ئادەتتە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ئىچ سۈرۈش بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.


سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش: ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. سەۋەبى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: بەزى دورىلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىچ سۈرۈش ئۈچەي ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان بولسا، ئاجرالما ماددىلارنىڭ ئىچىدىن قانسىمان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى بايقايمىز. بەزى ئىچ سۈرۈشلەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

يۇقىرى قىزىتما ۋە قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەمدە ئېغىر دەرىجىدىكى كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ياندۇرۇش. ئۈچەي تارتىشىۋىلىش ۋە قانلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇش.داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنمۇ ئىچ سۈرۈشتە ياخشىلىنىش بولمىسا، ھەمدە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا.تىل، كالپۇك ۋە تېرىلەر قۇرغاقلىشىش، ئۇسساش، كۆز ئەتراپى ئولتۇرۇشۇش ۋە سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.....

 

 

 


دورا ئەكىس تەسىرى: ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىر بولسا دورىنى ئىچكەندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا ئەسۋە ۋە داغ پەيدا بولۇش.ئېغىر بولغان دورا ئەكىس تەسىرى: ئەگەر ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر كۆرۈلسە، پۈتۈن بەدەندە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما ۋە يېرىلغان ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ. كالپۇك ۋە ئېغىز ئىششىپ، تېرە تاشلاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا قىزىش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىرلەر كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش كېرەك.

 

 

 


ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، تەرەققىي قىلغانغا قەدەر 4 دەۋىرگە بۆلىندۇ .

 

 

 

1) جىددىي خارەكتىرلىك يۇقۇملىنش دەۋرى . ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، 2~6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ . ئالامەتلىرى ؛ قىزىش ، كارنەي ئاغرىش ، لىمفالىق ئىششىق ، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلۈپ ، ئادەتتە 2 ھەپتە ئەتىراپىدا داۋاملىشىپ ، ئۆزلىگىدىن يوقاپ كېتىدۇ . بەزىدە نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش ، باش ئاغرىش ، پۈتۈن بەدىننىڭ بۇغۇملىرى سىقىراپ ئاغرىش ، تۇقۇلمىلار ئاغرىش ، نېرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ .لىكىن ھەممە ئادەمدە رۈشەن بولغان جىددى خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ كۆرىلۈش نىسپىتى %50~%70 گىچە بولىدۇ .

 


2) كىسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى رۈشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلمەيدۇ . بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلدۇ . يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم بەدىندە كۆپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۈچ پەيدا بولىدۇ . يۇشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇشۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسپىتى %100 گە يەتكەن بولىدۇ .

3) پۈتۈن بەدەنلىك لىمفالىق ئىشىق كىسىلىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى . يۇشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ۋېروس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ، ئىمونىت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ . داۋاملىق قىزىش ، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئېغىرلىغى تۆۋەنلەپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ . بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يىرىدە چوڭ - كىچىكلىگى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا لىمفالىق ئىششىق پەيدا بولغان بولۇپ ئاغرىمايدۇ .ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەن بولىدۇ .

4) ئەيدىز كىسىلى دەۋرى . ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىت سېستىمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ ، ئۇنى بەش خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .

 

A- تىپلىق -پۈتۈن بەدەن ئاغرىش . مەسىلەن ؛ نۇرىمالسىز قىزىتما ۋاقتى 1 ئايدىن يۇقرى بولۇش ، داۋاملىق لىمفا ئىشىقىنىڭ چوڭلىغى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا بولۇش . ئاستا خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈش 2 ئاي ئەتىراپىدا بولۇش ، 3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىغى %10 دىن يۇقرى كاملاپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، دەسلىپىدە كېچىسى كۆرۈلۈش ، كېيىن كۈندىزىگە ئۆزگىرىش ، قاغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ .
B -تىپلىق -نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش .

 

مەسىلەن ؛ ھارغىنلىق ھىس قىلىش ، ھالسىزلىنىش ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، تەكرار باش ئاغرىش ، تىرىنىڭ سىزىمچانلىغى تۆۋەنلەش ، روھسىزلىنىش ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ .
C -تىپلىق- يۇقۇملانغۇچىدا ئۆپكە ياللۇغى ، تىبىركىلىيۇز ، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك كۆرىلدۇ .
D- تىپلىق -ئۆسمۈلۈك ئىشىق ئاساسلىغى داۋاملىق كۆرۈلدىغان ئۆسمۈلۈك ئىشىق .
E تىپلىق-ئاساسلىغى ئاستا خارەكتىرلىك پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق لىمفالىق ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنى داۋاملىق دەلىللەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ .
كۈزۈتىشكە قارىغاندا ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 5 يىل ئىچىدە %10 دىن % 30 گىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 13 يىل ئىچىدە تەخمىنەن % 60 يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئۆزگىردىكەن .

 

ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز بولغۇچىغا ئايلىنىپ كەتمىسىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز .

 

مەملىكىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى سىياسىتى بولسا ئالدىنى ئېلىش ئاساس، تەشۋىقات تەربىيە ئاساس، پۈتۈن جەمئىيەتنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ قاتناشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت.تەشۋىقات تەربىيە بىلەن خەتەرلىك قىلمىشلارنى ئۆزگەرتىش ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، شۇنداقلا ئىسپاتلايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ھەربىر ئادەم ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلىش ھەمدە خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىپ، ئۆز - ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم.

ھەممە ئادەم ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسى بىلىملىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش ۋە بىلمىگەنلەرگە ئېيتىپ بېرىش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرنى تەشۋىق قىلىش، مەكتەپلەردە تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش، ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىدىن قوغداش خىزمىتى ھەربىر ئائىلىنىڭ، ھەرقايسى مەھەللە رايونلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

ئەيدىز ئېنگىلىزچىدىكى AIDS، يەنى Acquired Immune Deficiency Syndrome (ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى كېسەللىكى دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان سۆزدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ بىر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان جانغا زامىن بولغۇچى كېسەلدۇر.

ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ HIV (ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى)دىن يۇقۇملىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان كېسەل بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ مايمۇنلاردىن ئىنسانغا يۇققان دەپ قارىلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالدى. HIV بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 1980-يىللارنىڭ بېشىدا بايقالغاندىن تارتىپ 35 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بەزى كېسەلنى كونتىرول قىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن بۆلەك ئەيدىزنى سەللىمازا ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلمىدى.

 

HIV تەتقىقاتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋە بۇ جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ئالىملارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزسىدىن، 2008-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى HIV ۋىرۇسىنى بايقىغان 2 نەپەر فىرانسىيە ئالىمىغا بېرىلدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن تەجىرىبىخانىلاردا HIV ۋىرۇسى تەتقىق قىلىنماقتا. چاتاق يېرى، HIV كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمەيلا قالماستىن بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق.

شۇ سەۋەب ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشى ئوبدان كونتىرول قىلىنماي، ئەكسىچە كۈنسايىن كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانماقتا. مەن ئىشلەۋاتقان تېكساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى دەل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، قارمىقىمىزدىكى ئامېرىكا غەربىي جەنۇپ دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزىمىزدە نەچچە يۈز شىمپانزا مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنى تېپىپ چىقىشتىكى زۆرۈر تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.

2013-يلى سىنتەبېرنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 40122 نەپەر بولۇپ، 7070 نەپەر كىشى ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.

بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مەن يىللاردىن بىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قاتتىق دېققىتىمنى قوزغىدى ۋە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن چۆچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئەڭ يېقىنقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا بۇ يىل گەرچە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ ئېشىىپ بېرىشى يىللاردىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، بۇ يىل ئومۇمىي ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 44 مىڭغا يېقىنلاپ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3411 نەپەر بولغان. يەنە بىر كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مەسىلە شۇكى، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاش زەھەر چەككۈچىلەر ئارا ئوكۇلنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن دېيىلگەن بولسا، ھازىر ئاللىقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقۇش نىسبىتى شىنجاڭدا 52% كە يېتىپ ئەڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان.

ئوكۇل يېڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش يولى بىلەن يۇقتۇرغانلار ھازىر 36%نى ئىگىلەپ ئەيدىز يۇقۇشنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىككىنچى ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلانغان. دېمەك ئېشىپ قالغان 12% يۇقۇملانغۇچىنڭ (تەخمىنەن 5000 مىڭدەك كىشى) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 80%تىن كۆپرەكى 20-42 ياشلار ئارىلىقىدىكى ياشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1.4:1 بولغان.

 

زەھەرلىك چېكىملىك ئەسۋابلىرىنى بىللە ئىشلىتىشتىن يۇققانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى شىنجاڭدا يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، شىفىرىس، يېڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئەزا بىلىپ قويۇشى كېرەك. ئاۋىستىرالىيە زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلىگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئەڭ زور غەلبە قازانغان دۆلەت بولۇپ  ئاۋىستىرالىيەدە زەھەر چەككۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس پاكىزە ئۆيلەر ئاجىرىتىلىپ ۋە زەھەر چېكىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ھەقسىز تەمىنلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇشى ياكى يۇقتۇرۋىلىش خەۋىپى تۆۋەن چەككە چۈشكەن. شىنجاڭدا ئەھۋال ئوخشىمىسىمۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ۋە تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

 

 

مەنبە :بەيدۇ تورى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى �

 

 

شىنخۇا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ‹ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە چۈشەنچە ›ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

 



خەتكۈچلەر:
07-12-2014
0
1510
يازغۇچى: ‏نائىلە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-03-2015
0
202
thumb
1. قان ئازلىق. قان ئازلىق قىزىل قان ئاقسىلىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قىزىل قان ئاقسىلى ئۆپكە سۈمۈرگەن ئوكسىگېننى بەدەننىڭ ھەر قايىسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. بەدەندە ئوكسىگېن كەملىگەندە ئادەم چارچاش ھېس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى ياكى تۇغ...
27-03-2015
0
178
thumb
كۆپلىگەن كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ئېغىزىنىڭ بىر تەرىپىدىلا چايناشقا ئادەتلىنىپ قالغان، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر تەرەپتىكى چىشلارنىڭ «ئالدىراش» لىقى، يەنە بىر تەرەپتىكى چىشلارنىڭ «بىكارچى» لىقى كېلىپ چىقىدۇ. يېمەكلى...
26-03-2015
0
142
thumb
ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن بەدەن، پىسخىكا، كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئاسانلا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ: 1. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىن ئەسەبىيلىشىش كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغان، تەكش...
26-03-2015
0
140
thumb
1. تاتلىق ئىچىملىك. شەربەت، بوتۇلكىلىق چاي قاتارلىقلاردا ئادەتتە ئوزۇقلۇق ماددىسى بولمايدۇ، لېكىن ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بۇنداق تاتلىق ئىچىملىكنى بالىلارغا بەرمەسلىك، بۇ ئىچىملىك ئورنىغا قايناق سۇ ۋە ساپ شەربەت بېرىپ بالىلارغا ئوزۇ...
26-03-2015
0
134
thumb
ئەنبەھ (芒果) ۋە كۇلى بېھىسى (木瓜) ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، ياپونىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۇلى بېھىسىدىكى بىر خىل تەركىب ــ بېنزىل ئىزوسۇلفوسىئانىدنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىنى ئۆستۈرگچى ئاقسىلنى تورمۇزلاش رولى بار ئىكەن. ئامېرىك...
26-03-2015
0
200
thumb
قارا شېكەر سۈيىدە تۇخۇم پىشۇرۇپ يېگەندە، بۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە بەدەننى ئاسراش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. 1. قارا شېكەر سۈيىدە تۇخۇم پىشۇرۇپ يېگەندە ھەيزنى نورماللاشتۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ....
22-03-2015
0
197
thumb
خۇددى «ئىشنىڭ بېشى باھاردىن» دېگەندەك، ئوزۇقشۇناسلار يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «باھار پەسلىدە بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، يېتەرلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۆسۈپ...
20-03-2015
0
156
thumb
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنگاپورنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلار دائىم تەشۋىشلەنسە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى كەيپىياتى ۋە ئەقلىي تە...
20-03-2015
0
267
thumb
باھار كەلگەندە گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىدۇ. بۇ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى پەسىل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن بەھرە ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ئەتىيازدا ساياھەت ھەرقانچە كۆڭۈللۈك بولس...
19-03-2015
0
159
thumb
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، گۈمبەمەدەك (موگۇ)نى كۆپ يەپ بەرگەندە، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. گۈمبەمەدەك تەركىبىدە مول بولغان سېلىن بار بولۇپ، گۈمبەمەدەكنى كۆپ يەپ بەرگەندە جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن بۇنىڭدىن سىرت ...
Powered by Leglek