ئاشخانا: بەزى چاغلاردا قولىڭىزنىڭ تېرىسىنىڭ يىرىكلىشىپ، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. چۈنكى يۇيۇش بۇيۇملىرىدىكى ئاكتىپ ماددىلار، پاكىزلاشقا ياردەم بەرگۈچى ماددىلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىكى خىمىيەلىك تەركىب چاچ ۋە بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا دەرىجىسى ئوخشىمىغان ھالدا زىيان يەتكۈزىدۇ. قاچا – قۇچا، تەخسىلەردىكى قالدۇق يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ساغلاملىققا تېخىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇلارنى سېتىۋالغاندا ماركىسى، ئىشلىگەن زاۋۇتى، ئىشلەنگەن ۋاقتىغا قاراپ سېتىۋېلىش ھەم تەكشۈرۈش، باھالاشتىن ئۆتكەن زىيانسىزلىرىنى سېتىۋېلىش كېرەك.
ياتاق ئۆي: گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى مېتىل ئالدېگىد، دېۋىرقاي قاتارلىقلار كۆزگە ناھايىتى زىيانلىق؛ ئۇپا، تىرناق لاكى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە يەنە تالك (تەركىبىدە سۈيى بار ماگنىي سىلىكات) بار بولۇپ، ئۇ راك پەيدا قىلغۇچى بىر خىل ماددا. شۇڭا تازىلىق ئۆيى ۋە ياتاق ئۆيگە گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ تىزماسلىق كېرەك.
كىيىم ئىشكاپى: كىيىم ئىشكاپىڭىزغا نىلون شىم، نىلون پايپاقلارنى يوللاتماڭ. چۈنكى نىلوندىكى پولئورېتان بىرىكمە تالاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ھارارىتى ئارقىلىق، ئاز مىقداردا ‹‹سۇلياۋ مونومېر›› چىقىرىپ، ئىش قوشقان چاغدىكى يۇمشىتىش سۇيۇقلۇقى، ھىد سۇيۇقلۇقى يېلىمى ۋە سىتاتىك ئېلېكتىرگە قارشى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان يوشۇرۇن زىيىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تازىلىق ئۆيى: ئوخشىمىغان تازىلاش سويۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەركىبى كىسلاتالىق، بەزىسى ئىشقارلىق بولۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، خىمىيەلىك رېئاكسىيە ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن: ھاجەتخانىنى تازىلاشقا ئىشلىتىدىغان سويۇقلۇق غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى ئامىياك ياكى ئامىياكلىق سۇ ھاسىل قىلىدۇ. ئامىياكلىق سۇ بىلەن ئاقارتىش ئۈنۈمى بار تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، زەھەرلىك فىلور گازى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ خىل گاز نەپەس بىلەن ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلسە، ئۆپكىدە ئېغىر ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۆپكىگە سۇ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ھاشارات يوقىتىش دورىسى ئىشلەتكەندىن كېيىن روھىي ھالىتىڭىزدە قايغۇرغاندەك ئالامەت، باش ئاغرىش، باش قېيىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تارقىلىشچان زۇكام بولغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھاشارات يوقىتىش دورىسىدىن زەھەرلەنگەن بولىسىز، ئەگەر ئىچىڭىز سىقىلىش، ھارغىنلىق، كۆز، بۇرۇن ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۆيگە قويغان ھاۋا ساپلاشتۇرۇش سويۇقلۇقىنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇلارنىمۇ كەلسە – كەلمەس ئىشلەتمەسلىك لازىم.
ئائىلىدە ‹‹زەھەرلىك بۇيۇم››لاردىن خالىي بولغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىشلىتىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: كىيىم – كېچەك ساپ پاختىدىن بولۇش، يۇيۇش سويۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە، كاۋچوك (رېزىنكە) پەلەي كىيىش، بىر قانچە قېتىم كۆپ چايقاش، يېپىق مۇھىتتا، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كۈچلۈك خىمىيەلىك سويۇقلۇق ئىشلەتمەسلىك؛ ھاۋا ياخشى كۈنلەردە ئىشىك – دېرىزەلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved