ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇساپىلار مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ بېشىنى ئاغرىتتى

ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇساپىلار مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى چىرماپ تۇرغان مەسىلىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىغا ئېغىر تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىلار ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 65-قېتىملىق يىغىنىدا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش روھى بويىچە، مۇساپىرلار مەسىلىسى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش مۇراجەت قىلىندى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 65-قېتىملىق يىغىنى 3-ئۆكتەبىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلار پۈتكۈل يەر شارىدا 50 مىليون كىشىنى يۇرت ماكانىدىن ئايرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىليون 700 مىڭ كىشى مۇساپىر بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتىكى ئېغىر بولىۋاتقان يەر شارىدىكى مۇساپىرلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلماقتا. ھەمدە ئىتتىپاقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىش روھىنى كۈچەيتىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۇستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.


يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون سۆزىدا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى، جەمئىي 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشى مۇساپىر بولدى ۋە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى. سۇرىيە، ئافغانىستان، مالى، سۇدان، كونگو كىنشاسا، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىسىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئۇزاقدىن بۇيان مۇساپىرلار مەسىلىسى چىرماپ تۇردى. خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ، كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى گۇتىرىس مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى رايونىدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىپ، دىنى توقۇنۇش ۋە سىياسىي كۆرەش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 3 مىليوندىن كۆپرەك مۇساپىر بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئافرىقا ئەللىرىنى ئۇزاقتىن بۇيان مۇساپىرلار مەسىلىسى چىرماپ تۇرماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقىنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئۇلارنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشى ۋە تەرەققىي قىلىشنى قوللىشى كېرەك. ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇساپىرلار مەھكىمىسى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، بىراق مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىكتە ئېغىر مەسىلىگە يولۇقتى.


جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى بىلەن شۋېتسارىيىدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى ۋۇ خەيلوڭ ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇساپىرلار مەسىلىسى ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى. 1. ئافرىقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىنى ۋاقتىدا ۋە يېتەرلىك ئىجرا قىلىش. 2. ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. 3. ئوبيېكتىپ بولۇش، بىتەرەپ بولۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش. 4. تالاش تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشدا چىڭ تۇرۇپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، مۇساپىلار مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزدىن تۈگىتىش كېرەك.


ئافرىقا ئەللىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا رايونى ئۇزاقتىن بۇيان ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە يولۇقۇپ كەلمەكتە، ئۇندىن باشقا نامراتلىق، ئېبورا يۇقۇمى، ئەيدىز كېسىلى، قەرز، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر چىرماپ تۇرماقتا. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولسا، تېخىمۇ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى يۈز بىرىدۇ.


يىغىندا ئافرىقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، ئافرىقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ جىددىيلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى تەكىتلەندى. ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياراشتۇرۇش، تىنچلىقنى ئورنىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ھايانكەشلىكى ۋە ئوغرىلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئۆزلىگىدىن قايتىش، شۇ يەرگە قوشۇلۇش ۋە 3-بىر دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىپ، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە تەرەققىي قىلىش پىلانى ئارقىلىق مۇساپىلار ۋە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ۋە مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ، مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش كېرەك.


بۇ قېتىمقى يىغىن29-سېنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە ئامېرىكا، نامبىيە، كېنىيە، تانزانىيە قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، پاكىستان، بىرازىلىيە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق 100دىن كۆپرەك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
14-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek