سەئۇدى ئەرەبسىتان دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەير 26- نويابر مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبسىتان سۈرىيەدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچى مەزھەپلەرنىڭ پىكىردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى يىغىپ يىغن ئېچىشىنى پىلانلىدى.جۇبەير سەئۇدى ئەرەسبىتانغا زىيارەتكە كەلگەن ئاۋىستىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇرىس بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىدىن بىر گەۋدە شەكىللەندۈرۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ھاكىميەت يۈرگۈزۈشكە قاتناشتۇرۇپ كرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتۇر. سەئۇدى ئەرەبسىتان تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن ئۇچراشمايدۇ. ئەمما ئۇ يىغىن ئېچىلىدىغان ۋاقىت ۋە كونكرېت مەزمۇنلارنى ئاشكارلىمىغان.11- ئاينىڭ 14- كۈنى سۈرىيە مەسىلىسى ئىككىنچى قېىتملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋىنادا ئېچىلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمي ئەزا دۆلەتلەر ۋە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبسىتان، ئىران، مىسىر، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە يەنە بىرلاشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved