جاھان ئاگېنتلىقى 5-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز، يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى ۋە سابىق سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقلابچى كۈچلەر مىللى ئىتىپاقى باشلىقى ئەھمەد جابرا بىلەن رىيادتا كۆرۈشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانچۇس ھوللاندى بىلەن پادىشاھ سەلماننىڭ پادىشاھلىق سارىيىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە رايۇندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىندى. ئۇچرىشىشتا سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىرىنجى ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد ئىبنى نايىف، مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئىككىنجى ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد ئىبنى سەلمان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئىبنى ئەھمەد جۇبەيىر، فرانسىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابىيۇس ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى جېن يۋېس ئوردىيان قاتناشتى.
ھوللاندىنىڭ يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە يەمەندىكى يېقىنقى ۋەزىيەتلەر تىلغا ئېلىندى . ھوللاندى سابىق سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى باشلىقى ئەھمەد جابرا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشدا سۇرىيەدىكى يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى. ھوللاندى بۈگۈن رىيادتا قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved