جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ISIS بىلەن ئىراق ئارمىيىسى ئارىسىدىكى قاتتىق توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 90 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ رايۇندىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ISIS ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئوقلارنىڭ نىشانى بولۇشنى خالىمىغان مىڭلىغان كىشى قوشنا رايۇنلارغا پاناھلىنىشقا باشلىدى. رامادى ئاھالىسى ئەشيالىرىنى كۆتۈرۈپ پايتەخىت باغدادقا قاراپ يولغا چىقتى.
ISIS تەشكىلاتى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ رامادى شەھىرىنى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قورشاۋغا ئالغان بولۇپ، شەنبە كۈنى رامادى مەركىزىگە ھۇجۇم باشلىغان ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىدىكى بىر قانچە رايۇن ۋە بىنانى كونترول قىلىۋالغان.
باغدادنىڭ 40 كىلومىتىر جەنۇبىدىكى فۇرات دەرياسى بويىدىكى بىزىبىز كۆۋرۈكىگە يىتىپ بارغان رامادى ئاھالىسى، دەسلەپتە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن رايۇنغا كىرگۈزۈلمىدى. كېيىن قارار قىلىنىپ رامادى بىلەن باغداد ئارىسدىكى كۆۋرۈككە يىتىپ بارغان كىشىلەر فۇرات دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىگە ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىندى. تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ISIS تىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ باغداد ۋە بىر قىسىم رايۇنلارغا بېرىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.
ئىراق ئارمىيسىنىڭ رايۇندىكى قۇماندانلىرىدىن گېنىرال ئابدۇللاھ جارۇللاھ، ISIS تىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەرگە قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 15 مىڭ كىشىنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ باغدادقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved