جۇڭگو خەۋەر تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،خەلق سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ،ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن قاتار ئەمرى تامىن بىن خەمىتنى قارشى ئالدى .
مەملىكەتلىك خەق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چىياڭچى ،دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۇڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .قاتار ئەمرى تامىنغا دىپلوماتىيە ۋەزىرى قاتارلىقلار ھەمراھ بۇلۇپ زىيارەتكە كەلدى .ھەربىي ئوركېستىر قاتار ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تامىن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈچ خىل ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى .
تامىن ئېلىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزگە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن .قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ تامىن بىلەن سۆھبەتلەشتى ،ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگو قاتار ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ،ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :‹قاتار ئوتتۇرا شەرق قولتۇقى رايونىدىكى ئۆزگىچە تەسىرگە ئىگە دۆلەت شۇنداقلا ،جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى .سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىڭىزدە جۇڭگو قاھىرە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدۇق .بۇ بىر مۇھىم ئابىدە ،بىز ئىستىراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى ياخشى پىلانلىشىمىز كېرەك ›.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى ؛‹جۇڭگو قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ ،قاتارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ،رايون ئىشلىرىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى خالايدۇ .جۇڭگو قاتارنىڭ يىپەك يولى ،ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز .ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ .قاتار بىلەن يۇقىرى تۆۋەن ئېقىم بىر گەۋدىلەشكەن ،ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولغان ئېنېرگىيە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇل ئەسلىھە قۇرلىشى خەۋەرلىشىش ،پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەر ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ،ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ ،ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەتتە بىرلەشمە مەبلەغ سېلىشنى تەتقىق قىلىدۇ ،ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھەربىرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەك .قاتار پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا ،قاتارنىڭ جۇڭگو پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تۈزىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،جۇڭگو 2016-يىلى جۇڭگو قاتار مەدەنىيەت يىلىنى ئۆتكۈزۈشنى ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ ›.
تامىن مۇنداق دېدى :‹قاتار ،قاتار جۇڭگو ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ،مەن رەئىس شى جىنپىڭنى بالدۇرراق قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن .رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇش تەشەببۇسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى مۇھىم پۇرسەتكە ئىگە قىلدى ،قاتار جۇڭگوغا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ ھەمدە ئەزا دۆلەت سۈپىتىدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىدۇ .
جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتارنىڭ چوڭ تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ .قاتار پارس قولتۇقى جۇڭگو ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاشقا كۈچ چىقىرىدۇ .قاتار جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىت قىلىدۇ ،قاتار جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە 2016-يىلى قاتار جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ ،ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ، قاتار خەلقئارادا ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى پائال قوللىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇيدۇ ،جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ ›.
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى :‹ئوتتۇرا شەرقتە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر كۆپ ،زىددىيەت مۇرەككەپ ،سىياسىي يول ،ئىقتىسادىي ماجىرالارنى ھەل قىلىشتىكى ئاقىلانە ئۇسۇل .ۋەزىيەت قانچىلىك مۇرەككەپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن سىياسىي يولدا چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك .ئوتتۇرا شەرقنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنىۋى خاسلىقى قانداق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا قارىتا ،شۇ رايوندىكى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار ›.
تامىن مۇنداق دېدى :‹قاتار جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ئوبيېكتىپ ئادىل پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇيدۇ ،پۇل -مۇئامىلە مائارىپ مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قۇيۇشقا شاھىت بولدى ،ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن قاتارنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئېلان قىلدى .سۆھبەتكە ياڭ جيې چى قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved