خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 17:58 خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ 128-قېتىملىق يىغىنىدا، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىش پەسىللىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ بېيجىڭنىڭ 2008-يىلى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن «ئۇچرىشىشى» بولۇپ، يازلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەم قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى.
خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىدا 100 ئەزا بولۇپ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشقا قاتناشمايدۇ، ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئەزامۇ بېلەت تاشلاشقا قاتناشمايدۇ، بۈگۈنكى بېلەت تاشلاشقا 11 ئەزا قاتناشمىدى، شۇڭا جەمئىي 85 نەپەر خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى.
![]() |
باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى .
جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved