شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا تۇنجى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن تارقالغان بىمار بايقالغانلىقى ،لىبىرىيەدىن قايتىپ كەلگەن بىر ھىندىستانلىق پۇقرانىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى .نۆۋەتتە بىمارغا قارىتا ئايرىم داۋالاش ئېلپ بېرىلماقتا .ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە ،26 ياشلىق بۇ ھىندىستان پۇقراسى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى لىبرىيىدىن دۆلىتىگە قايتقان ،ئارقىدىنلا قان ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈلگەن ،ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئېبولا يوقۇمى ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ بىراق قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى + بۇلۇپ چىققان . بۇنىڭ بىلەن ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشكەن،ھىندىستاندا تۇنجى قېتىم ئېبولا يۇقۇمى بايقالغانلىقى ھېسابلىنىدۇ .ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ھىندىستاننىڭ ئېبولا يۇقۇمنى تامامەن كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاممىنى ھودۇقماسلىققا ۋە مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىشقا مۇراجىئەت ت قىلدى .
رۇمىنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان سەككىزىنچى كۈنى ئىستىپا بەردى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved