جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ بىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆسەك سۆزلەر رېئاللىققا ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما يىقىندىن بۇيان بۇ ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىككى شىركەتنىڭ 4G تورىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ھەمكارلىق پىلانى ئاشكارىلانغانىدى، ئارقىدىنلا، يەنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇ ئىككى شىركەت بىرلىكتە «ئالتە مودۇللۇق ھەممىباب تورى ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلغان. بۈگۈن بۇلارنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىگەللىنىشىچە، جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۈگۈن «بايلىقتىن ئورتاق بەھىرلىنىش، خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدە خەۋەرلىشىش تورىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدىلىنىش، تور-ئالاقە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق بەش جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىكەن: بىرىنچىسى، خەۋەرلىشىش تورىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق پايدىلىنىش، تور بىلەن قاپلىنىشنى تېزلەشتۈرۈش، تور مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئېغىر ئاپەت، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ھادىسە ۋە باشقا جىددىي ئەھۋال ئاستىدىكى ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇچۇر-ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئىككىنچىسى، تېرمىنال تۈرىنى كۆپەيتىش، ئابونتلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئورتاق قول تۇتۇشۇپ، «ئالتە مودوللۇق ھەممىباب تور» نى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچىسى، تور-ئالاقە سۈپىتىنى يۇقىرى ۋە ئابونتلارغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. تۆتىنچىسى، يېڭى مېخانىزىم ۋە بازارغا يۈزلەنگەن تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسپتە يېڭىلىق يارىتىشتا ھەمكارلىشىش. بەشىنچىسى، چىگرا سىرتىدىكى كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارالىق كەزمە مۇلازىمەت كەسپىنى قانات يايدۇرۇش ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ باش دېرىكتورى ياڭ جېي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى شىركەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوقكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved