بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلۈپ، كۆپچىلىكننىڭ ھەممىسى بۇ «ياۋايى ئادەم كونان» نىڭ سېرىئالىنى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ دەپ قارىغاندىن كېيىن، باش رولچى ئارنولىد شىۋاسشېنگېر فىلىم يەنىلا «ئامان-ئېسەن»، فىلىمنىڭ ئىسمى «بويسۇندۇرغۇچى كونان» (Conan The Conqueror)، بىراق قاچان سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
مۇشۇ ھەپتە شىۋاسشىنگېر ئەنگىلىيە بېرمىنھام ۋە ئېدىنبۇرگدا مەستانىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان، نەق مەيداندا بەزى مەستانىلەر بۇ سېرىئال توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى سورىغان، شىۋاسشىنگېر سىنارىست ھەم فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ كرىس مورگان («سۈرئەت 7» «تۇتۇش بۇيرۇقى») ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە مۇۋاپىق رېژىسسور ئىزەۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان.
ئوخشاشلا شىۋاسشىنگېر يەنە فىلىمنىڭ يېڭى ئىسمىنىڭ «بويسۇندۇرغۇچى كونان» بولۇپ، ئەكىسچە بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان «ياۋايى ئادەم كوناننىڭ رىۋايىتى» ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ۋەقەلىك 1982-يىلىدىكى «ياۋايى ئادەم كونان» نى داۋاملاشتۇرىدۇ، شىۋاسشىنگېر رول ئالغان كونان شاھلىق ئورنىدا ناھايىتى كۆپ يىل ئولتۇردى، ئەمما بەزىلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاغدۇرۋېتىشنى ئويلاۋاتىدۇ.
2013-يىلى بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالغان، ھەمدە 2014-يىلى يازدا قويۇشنى بېكىتكەن؛ 2014-يىلى يەنە سىنارىيەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى 2015-يىلى باھاردا سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالغان؛ 2015-يىلى يەنە فىلىمنىڭ بۇ يىل كۈزدە سۈرەتكە ئېلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالغان. ھازىر 2016-يىلى بولدى، تېخى مۇۋاپىق رېژىسسورمۇ تاپالمىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved