يەر شارى خەۋەر تورى 4-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ۋە قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لىبېرمان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، « ئەپسۇسكى، قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مىللى مەنپەئەتلىرىمىزگە خىزمەت قىلمايدىغان «پۇرسەتپەرەس» بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى. لىبېرمان، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئۇچرىشىشىدىن چېكىنگەنلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىستىپانامىسىنى باش مىنىستىر بۇنيامىن نىتانىياخۇغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىتانىياخۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن 6-مايغا قەدەر ۋاقتى بار. لىبېرماننىڭ پارتىيىسى «ئىسرائىلىيە ئۆيىمىز» پارتىيسى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئۇچرىشىشدىن چېكىنگەن تەقدىردىمۇ، نىتانياخۇنىڭ «يەھۇدى ئۆيى پارتىيسى»، «تەۋرات مۇھاپىزەتچىلىرى پارتىيسى»، «بىرلەشمە تورا يەھۇدىيلىقى» پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى پىلانلانماقتا. بۇنداق بولغاندا بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارتىيەلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورۇن سانى 61 بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved