ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شىياۋمى (小米 ) بۈگۈن سان فىرانسىسكودا بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزدى. شىياۋمى شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ھىيۇگۇ باررا ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى شىياۋمى ئورگا تور بېكىتى ۋە تور دۇكىنى ئۇزۇنغا قالماي رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يىلمۇ باشقا بازارلاغا كىرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىياۋمىنىڭ ئامېرىكىدىكى تور دۇكىنى ۋاقتىنچە يانفۇن مەھسۇلاتى ساتمايدىكەن. ئاساسلىق شىياۋمىي ھالقىسى، كۆچمە توك مەنبەسى ۋە تىڭشىغۇچ قاتارلىق مەھسۇلات سودىسى قىلىدىكەن.
باررانىڭ ئېيتىشىچە قاتتىق دېتال ئىجازەتنامىسى، يۇمشاق دېتال سىنىقى ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر سەۋەبىدىن شىياۋمى ۋاقتىنچە ئامېرىكىدا يانفۇن ۋە تاختا كومپىيۇتېر مەھسۇلاتلىرىنى ساتالمايدىكەن. شۇڭا شىياۋمىي ئامېرىكىدىكى تور دۇكىنىدا پەقەت شىياۋمىي ھالقىسى، كۆچمە توك مەنبەسى ۋە يانفۇن زاپچاسلىرى قاتارلىق ھېچقانداق نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇش مەسىلىسىگە ئۇچرىمايدىغان مەھسۇلاتلارنىلا ساتالايدىكەن. باررانىڭ قارىشىچە شىياۋمىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شىياۋمى ماركىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى نامىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. بۇ ئارقىلىق شىياۋمىنىڭ كەلگۈسىدىكى تاكتىكىسى ئۈچۈن ئۇل سالىدىكەن.
ئۇنداقتا شىياۋمىي زادى قاچانلاردا ئامېرىكىدا رەسمىي ھالدا يانفۇن سېتىشنى پىلانلىدى؟ بارراىنىڭ ئېيتىشىچە شىياۋمىنىڭ ۋاقتىنچە بۇنداق پىلانى يوق ئىكەن. ئامېرىكىدىن باشقا شىياۋمى بۇ يىل ئىچىدە يەنە باشقا دۆلەت بازارلىرىغىمۇ كىرىشنى پىلانلىغان.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved