ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي قوشۇن بىلەن يۈرگەن مۇخبىرى 1937-يىلدىن 1945-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ياپون ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا ئائىت نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتقان . ياپون ئارمىيەسى جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ، خەۋەرلەرگە قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ، دېڭىز ئارمىيە ۋازارىتى ۋە ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئاخبارات سۈرەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ‹‹ ياپون ئارمىيەسىنىڭ ‹ئوبرازى › غا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، ئەسكەرلەردە ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ ›› دەپ قارالغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ‹‹رۇخسەت قىلىنمايدۇ ›› دېگەن تامغىنى بېسىپ ، سىرتقا ئېلان قىلىشنى چەكلىگەن .
ياپون ئارمىيەسى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ، ھەربىي تەرەپ ‹‹ئۇرۇش مەيدانىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋېتىش ›› بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن . بىراق ، باش ئىشتابى ئوساكاغا جايلاشقان ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى ھەربىي تەرەپنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالماي ، سۈرەت ۋە نېگاتىپلارنى ئوغرىلىقچە يەر ئاستى ئۆيىگە يۆتكىۋەتكەن . كېيىن بىر قېتىملىق تەيفىڭ بورىنىدا بىر قىسىم ماتېرىياللار سۇغا غەرق بولغان ، بىراق ، يەنە بىر قىسىم سۈرەت ۋە نېگاتىپلار ساقلىنىپ قالغان .
كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى 1977-يىلى ۋە 1998-يىلى بۇ سۈرەتلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ چىقىرىپ ، يەتكۈچە ‹‹ ئازابلانغان ›› بۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاخىرى يورۇقلۇققا چىقارغان ، شۇنداقلا تارىخ ئۈچۈنمۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرىدىن پولاتتەك پاكىت قالدۇرغان .
XX
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved