شىنجاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ،جاڭخۇڭگاڭ بىر باسما زاۋۇتىدا ئىشلەپ مېيىپ بولۇپ قالغان ، سوت مەھكىمىسى باسما زاۋۇتىنى يارىدار جاڭخۇڭگاڭغا 30 مىڭ يۈەن تۆلەپ بىرىشنى بۇيرۇغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسمۇ ، جاڭخۇڭگاڭ بۇ تۆلەمنى تېخى ئالالمىغان ، ئۇ ئاخىرى ئامال قىلالماي بۇ گېزىتخانىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغان .
12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ، 22 ياشلىق جاڭخۇڭگاڭ مۇخبىردىن ياردەم سوراپ مۇنداق دېگەن : 2011 – يىلى 8 – ئايدا ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ، بىر شەخسىي باسما زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ، شۇ يىلى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۇ قولىنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قەغەزنى ئېلىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى ماشىنا بېسىۋېتىپ يارىلانغان . جەمئىي 70 يىپلىق قىلىپ ياماپ قويغان . كېيىن يەنە ئككى قېتىم مېيىپلىقنى تەكشۈرۈش قىلغان . ئايرىم ئايرىم ھالدا 9- ۋە 10 – دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالاپ بەرگەن .
داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جاڭخۇڭگاڭ باسما زاۋۇتى خوجايىنى لى خانىمنى سوتقا ئەرز قىلغان ، يېزا شەھەر رايونى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئېچىشى بىلەن لى خانىمنى 30 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىشكە بۇيرۇغان .
مەن زورلاش كۈچى بىلەن ئىجىرا قىلىشنى تاللىغاندىن كېيىن ، ئۇ باسما زاۋۇتنىڭ يۆتكىلىپ كەتكەنلىكى بايقىدىم ، يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن لى خانىمنى تاپتىم . ئۇ كېيىن ئىجرائىيە سوتچى بىلەن بىرلىكتە ئۇ پۇلنى ئىجىرا قىلىش ئۈچۈن بارغان لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولغاچقا پۇلنى ئالالمىغان . كېيىن ئۇنى يەنە تاپالمىغان .
ھازىر سوت مەھكىمىسى لى خانىمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۇچۇرى بولماي مەجبۇرىيىتنى ئادا قىلماسلىق ‹قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن . ئەگەر سېسىتىمنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن . ئەگەر ئۇ يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە قايىتىشتا ئايروپىلان ، كارۋاتلىق پويىز ، يۇقىرى ئىستېمال سەھنىسىدە توسالغۇغا ئۇچراپ ئۇ تىزدىن تۆلەمنى تۆلەشكە ئالدىرتىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved