مالىمانچىلىققا تولغان 2014-يىلى بىلەن خوشلاشتۇق، 2015-يىلى دۇنيا ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟ جۇڭگو قانداق قىلىپ تاشقى ساھەنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماي ، مۇستەقىل ئىش كۆرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ؟
2015-يىلى تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىككى چوڭ باش تېمىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش بىلەن جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل ئىلگىرى جۇڭگو خەلقى سەككىز يىل جاپالىق قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. بۇ بىر يىل يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ نەتىجىسى. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرىنى يەنە تەربىيىلەپ، ئۇلاردا توغرا تارىخى قاراشنى تىكلەتكۈزۈشى، ھەرگىزمۇ ھوشىنى تاپالماي،تارىخنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقچى بولغانلارنى مۇكاپاتلىماسلىقى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى دۆلەت دۇنيا فاشىزم ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە غايەت زور قۇربان بەردى ۋە تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ ھەر يىلى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئىس تۈتەكلىرى تارقالغىنىغا 70 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن تىنچلىقنى قوغداش بۈگۈنكىدەك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولماي كەلدى، تىنچلىق بولمىسا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
تەرەققىيات بۇ يىل يەنىلا مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتىن 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىغا ئۆتۈشتەك زور تېمىغا يولۇقتى. 2000-يىلى 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى نامراتلىق، ئاچارچىلىق ، كېسەللىك ، ساۋاتسىزلىق ، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ئاياللارنىڭ كەمسىتىلىشىنى تۈگىتىش نىشانىنى بېكىتتى. ھەمدە 2015-يىلى تاماملاش بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەر شارى دائىرىسىدە بۇ نىشاننى ۋاقتىدا تاماملاش ئاسان ئەمەس. يەر شارىدا ئالاھىدە نامرات نوپۇس يەنىلا 1 مىلياردقا يېتىدۇ. ئىقتىسادىي كرىزىس ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە كرىزىسى ، رايون توقۇنۇشى قاتارلىق خېيىم خەتەرلەر مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىغا قارا كۆلەڭگۈ پەيدا قىلماقتا.
2015-يىلى دۇنيا ئۇكرائىنا كرىزىسى ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق جۇغراپىيىلىك سىياسىتىنىڭ تىركىشىش ئاسارىتىدە تۇرماقتا. ھەمدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى، ئىبولا ۋېروسىنىڭ يامرىشى، نېفىت باھاسى قاتارلىق مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى داۋالغۇشى، تور بىخەتەرلىكى ۋە مەۋھۇم بوشلۇقتىكى كۈچ سىنىشىش كەسكىنلەشمەكتە. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋالدا خەۋپ ئېڭىنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش، پايدىنى كۆزلەش ، بالا قازادىن ساقلىنىش جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.
ئۆتكەن 30 نەچچە يىللىق تارىخ شۇنى ئىپادىلىدىكى ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار كۈچنىڭ زورايغانلىقدىن دېرەك بەردى. ھازىر جۇڭگو جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيىسىنى تىرىشىپ يولغا قويۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت يولىنى ئاچماقتا. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تارىخىي تەجرىبە ساۋاقلارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ھەمراھ بولىدىغان ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلايدۇ. شۇڭا ئۆز ئارا ئىشىنىش، پايدا يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىش يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ھەم ئورتاق ، ئۇنىۋېرسال ، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭدا بىخەتەرلىك قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىش ، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىش، ئەبەدىي تىنچلىق يارىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭگو يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە نۇرغۇن خىرىسقا يولۇققان بولسىمۇ ، لېكىن جۇڭگو يەنىلا ئىمكان بار باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىر بەلۋاغ بىر يول ، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى بىلەن بىرلىشىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 11-ئايدا مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارادىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق مۆلچەرلەش لازىم، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر ئاساسى تېمىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، تەرەققىيات يولىدا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر. جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، 21-ئەسىرنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سەھىپىسىنى يازماقتا.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved