ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن 30-سېنتەبىر ئاق سارايدا ئۇچرىشىپ، ئىقتىساد سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا ھىندىستان مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. مودى ئامېرىكىنىڭ ۋىزا بېرىشتىكى قارا تىزىملىكىگە10 يىلغا يېقىن كىرگۈزۈلدى. شۇڭا مودىنىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى سەپىرى دىققەتنى تارتتى. كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: مودى بۇ قېتىمقى ئالدىراش سەپىرىدە ھىندىستان ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئەمما زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدە ئىلگىرلەش ئانچە كۆپ بولمىدى. ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ قايتىدىن گۈللەندۈرىلىدىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىنى يەنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئوباما بىلەن مودى ئۇچراشقاندىن كېيىنكى سۆز ۋە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئېلان قىلغان باياناتتىن قارىغاندا، ئۇچرىشىش ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇداپئە، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى، يۇقىرى پەن تېخنىكا، ئالەم بوشلۇقى ۋە سەھىيە ھەمكارلىقى، يەر شارى مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىر ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى ئورنىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئارقىلىق ئېلېكتىر قۇۋۋىتى يەتكۈزۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت 2006-يىلى ئىمزالىغان خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنىرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە كېڭىشىش، سۆزلىشىش ۋە بىرلىشىپ مانىۋېر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
بىرلەشمە ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: مودى ئۇچرىشىشتا ھىندىستاننىڭ باش كۆتۈرۈپ «مەسئۇلىيەتچان ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت» كە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى ئالدىن ئويلىشىدىغان ئورۇنغا قويۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئوباما ھىندىستاننىڭ «دوست ۋە شېرىك بولۇش» سۈپىتى بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ ھىسابلىدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھ قىلىپ، ھىندىستاننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
مودى مۇنداق دېدى: مەن ۋە ئوباما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاخبارات ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىخەتەرلىك سۆزلىشىش ۋە مۇداپئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندۇق. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ھىندىستان ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتى، ئەمما بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ كۆپى ئىككى رەھبەرلىكنىڭ مۇدىئاسى ۋە پوزىتسىيىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مەبلەغ سېلىش ياكى ھەمكارلىق تۈرلىرى كېلىشىمىنى ئىمزالىمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ھەمكارلىق ئىچىدە توقۇنۇشتى، سابىق زۇڭتۇڭ كىچىك بۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوباما ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، باج كىرىمى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىدە زىددىيەت ساقلاندى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ھىندىستاننىڭ بىر ئايال دىپلوماتى نىيۇ يورك شەھىرىدە قولغا ئېلىندى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدى، بۇ ھىندىستاننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى.
مودىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئيېتساق، كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى 2002-يىلى مودى بۇجىرات شتاتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە شۇ جايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىدى دېگەن بانا بىلەن ئۇنىڭغا چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشنى مەنئىي قىلدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بەزى غەرب شېرىك دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مودىنىڭ ھىندىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى سېزەلمىدى، ۋىزا بېرىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ۋە «زەيتۇن شاخ» سۇنۇش جەھەتتە كەينىدە قالدى.
مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسيادىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنى ئويلاشقان ئاساستا، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. شۇڭا، مودى سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئوباما بىرىنچى بولۇپ تېلىفون بېرىپ تەبرىكلىدى، يەنە ئۇنى ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، سودا مىنىستىرى پۇلىسىك ۋە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى خاگېل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 7-8- ئايلاردا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ھىندىستان بىلەن 5-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى.
سىياسىشۇناس بۇلانك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى سىياسىئونلار نىيۇيوركقا جەم بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئوباما مودىنى ئاق سارايغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بېدىن ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇلانك مۇنداق دېدى: ھىندىستان دۇنيا بويىچە نوپۇسى 2- كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى ئانچە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى، مودىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرى ئامېرىكا ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى قايتا باشلاشتا داغدۇغا پەيدا قىلدى، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىنى مۆلچەرلەش تەس.
جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە يەنە ئىككى يىلغا يەتمەيدىغان ۋاقىت قالدى، نۆۋەتتە ئەسەبىي تەشكىلات«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە» تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ خەلقئارادا ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيە، ئۇكىرائىنا ۋە غەربىي ئافرىقىنىڭ «ئېبولا» يۇقۇمى قاتارلىق قېيىن مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا. مەملىكەت ئىچىدە كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق قېيىن ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئوباما ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قانچىلىك زېھنىنى بېرەلەيدۇ بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved