بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىنتان بىلەن كېنىيە زۇڭتۇڭى كىياتا 29-ئۆكتەبىر كەچتە كېنىيە دۆلەت سارىيىدا كۆرۈشۈپ، ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ كېنىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافرىقا دېلتىسى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شۇ يەردىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن چەتتە قالدۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش، مۇساپىرلار كىرىزىسنى ھەل قىلىش، تېررورلۇق بىلەن تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، تىنچلىقنى قايتىدىن ئورنىتىش، تەرەققىيات فوندىنى يولغا قويۇش ۋە ياشلارنىڭ ھوقۇقى تۈرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئافرىقا دېلتىسى رايونىغا ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved