كىشىلەر ئادەتتە يانفوندىن پايدىلىنىپ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
پەن-تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشى، تورنىڭ ئومۇملىشىشى، بولۇپمۇ 4G تور دۋرى باشلانغاندىن بېرى ئەقلىفونلار ئاللىقاچان كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى ئەقلىفونلار—كۆچمە تېرمېناللار PC كومپىيۇتىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسلىسىدىن ئىبارەت بولۇپ قالدى، لېكىن كىشىلەر ئەقلىفونلار ئارقىلىق زادى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
تەكشۈرۈشتىن ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا يانفون ئىشلەتكۈچىلەر مېدىئاغا %31 ، كۆڭۈل ئېچىشقا %14،ئويۇن ئويناشقا %14، ئۇچۇر-خەۋەرلەرگە ئېرىشىش ۋە يوللاشقا %6 ،مال سېتىۋېلشقا %5 ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىكەن. يانفوننىڭ ئەڭ ئاساسى ئېقتىدارلىرى بولغان تېلفون سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئېقتىدارلىرى بۇ تىزىملىككە كىرەلمىگەن بۇلۇپ بۇ نەتىجە يانفوننىڭ بارغانسېرى «ئەقىللىق» بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،تېلفون سۆزلىشىش ۋە قىسقا ئۇچۇر كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىدىكى ئالدىنقى تاللىشى بولماي قېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved