يەر شارى خەۋەر تورى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستان باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف ، پاكىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا تۇرىغانلىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى قوغدايدىغانلىقى ، يەمەندىكى «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكتىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەۋاز شەرىف، « يەمەنگە قارىتا ھەرىكەت باشلانغاندىن كېيىن ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىرەر تەھدىت شەكىللەنسە پاكىستان بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرىدۇ» دېدى.
نەۋاز شەرىف، كىلەر ھەپتە ئۆتكۈزىلىدىغان پاكىستان پارلامېنتى ئورتاق يىغىنىدا باشقا سىياسى پارتىيەلەر بىلەن پاكىستان ئارمىيسىنىڭ «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتىگە قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نەۋاز شەرىف يەنە، يەمەندىكى خەلق سايلىغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان توپىلاڭچى شىئەلەرنى ئەيبلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت بولىدىغان ئىچكى مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىق قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved