مۇنداق بىر ئائىلىلىك بار، ئائىلىدىكى قىز-ئوغۇل يەتتە قېرىنداش دادىسى تەرىپىدىن ئۆيگە 14 يىلچە قاماپ قويۇلغان، ئۇلار پەقەت كىنو كۆرۈش ئارقىلىق سىرتقى دۇنيا بىلەن تونۇشقان. بۇ ھەرگىزمۇ كىنولاردىكى ۋەقەلىك بولماستىن بەلكى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ھىكايە.
ئائىلە باشلىقى ئانگۇلو پېرولۇق كۆچمەن بولۇپ، 1996-يىلى ئايالى بىلەن بەش بالىسىنى ئېلىپ مانخاتتاندىكى بىر تۆت ھۇجرىلىق ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان. ئانگۇلو ھاراق خۇمار، مۇتەسسىپ ئادەم بولۇپ، نيۇيوركنىڭ بالىلىرنى ‹‹ بۇلغاپ قويۇش ›› دىن ئەنسىرەپ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ تالا-تۈزىگە چىقىشىنى چەكلىگەن. 1998-يىلى ئۇنىڭ ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى بالىسى تۇغۇلغان. بۇ يەتتە بالىنىڭ ھەممىسى ئانىسى سۇساندىن ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، سىرتقى دۇنيانى بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بالىلار كىنو كۆرۈش ئارقىلىق بۇ مەقسەتگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 14 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق كىنو كۆرۈپ بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved