تېڭشۇن 27-يانۋار ئۈندىدارنىڭ Windows تىرمىنالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، توربەت نۇسخسىنىڭ پاراڭلىشىش، ھۆججەت يوللاش قاتارلىق بىرنەچچە تۈرلۈك ئىقتىدارلىرنى سەپلىگەن.
ئۈندىدارنىڭ Windows تىرمىنالىنىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكى :
1. بىر كۇنۇپكا بىلەن تىزىملىتىش
بۇنىڭدا ئۈندىدار ئابۇنتلىرى تىرمىنالنى ئاچقاندىن كېيىن بىر ئىككىلىك كودى چىقىدىغان بولۇپ ئابۇنتلار كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئۈندىدارنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدىكەن.
2. USB سىم ئارقىلىق پاراڭلىشىش خارتىرىسىنى زاپاسلىۋالغىلى دولىدىكەن.
Windows نۇسخسىدىكى ئۈندىدارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى شۇكى، يانفون كومپىيۇتېر بىلەن ئوڭۇشلۇق چىتىلغاندا ئاندىن زاپاسلىغىلى بولىدىكەن. ئەمما يانفۇندىكى ئۈندىدار نەشىرى 6.0دى يۇقىرى بولۇشى شەرت قىلىندىكەن.
3.ھۆججەت يوللاش تېخمۇ ئاسانلاشقان
ئابۇنتلار ئايرىم تەمىنلەنگەن توركۆرگۈ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كەسكەن (تۇتۇلما) رەسىم، ھۆججەت قاتارلىقلارنى .ئاشۇ توپ ياكى شەخسىي پاراڭلىشى رايونىغان سۆرەپ تاشلىسىلا بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ نەشىرىگەن تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ بېيتىلىپ يانفۇن نەشىرىنىڭ دەرىجىسى بىلەن تەڭلىشىشى مۇمكىن.
Windows تىرمىنالى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved