ئەلجەزىرە ئاگېنتلىقى 27فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەتنىڭ 2 يىل ئىچىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ISIS ھەققىدە سۇئال سوراشقا قاراتتى.
تۆت يىل بۇرۇن ئەرەب باھارى چىچەكلىگەندە، يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى ئوتتۇرا شەرقنى شەكىللەندۈرگەن ئامېرىكا، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەل قائىدە كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما 2011-2013 يىللىرى ئارىسىدا كېيىنكى پىلاندا تۇرۇپ پەقەت رايۇندىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ئىنكاس بىلدۈردى. ئوباما ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مەسىلە ئوتتۇرغا چىققان ئىجابى ئۆزگىرىش ئەمەس، ۋەقەلەر ئۈستىدىكى كونتروللىقىنى يۇقىتىش ئىدى.
ئىراندا 2009-يىلدىكى «يېشىل ھەرىكەت»نى باستۇرغان ئايەتۇللاھ، دىكتاتورلارغا قارشى ئەرەب باھارى ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ يالغۇز قالدى.
رىياد، ئەزەلىي دۈشمىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار غەلبە قىلىپ ھاكىمىيەتكە چىققىنىدا ، ھۈسنى مۇبارەككە ئوخشاش رايۇندىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلدى.
ئەل قائىدە ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق گۇرۇپپىلار نەزەردىن ساقىت بولدى ياكى ئاكتىپ رول ئوينىمىدى.
ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان بۇرۇنقى ھۆكۈمەتكە ئوخشاش مەيدانغا چىققىنىدا، ئۆزىنى «رايۇندىكى بىردىنبىر دېموكراتچى» دەيدىغان داۋاسى تەسىرىنى يۇقاتتى.
ISIS ۋە چېكىنىش مۇساپىسى
ئىككى يىلدىن كېيىن، مىسىر، سۇرىيە، ئىراق ، يەمەن، لىۋىىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىنقىلابقا قارشى كۈچلەر «سابىق ئەرەب دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇ كۈچلىرى» تەشكىللىنىشكە باشلاپ، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان يېڭى كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندا پەسىل ئالمىشىشقا باشلىدى.
ۋاشىنگتون، تېھران، تېل ئاۋىۋ ۋە ئەل قائىدە ئوتتۇرغا چىققان بۇ قالايمىقانچلىقنى ئۆز جاسۇسلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەتتى. بىر يىلدىن كېيىن بۇ كۈچلەر يېڭىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى «ISIS» خەتىرىنى باھانە قىلىپ رايۇنغا يەنە بىر قېتىم ھاكىم بولۇشقا باشلىدى.
بۇ جەرياندا «ISIS» ياكى «DAİŞ» ئىسمى رايۇنلۇق ھەتتا دۇنياۋى بىر تەھدىت بولۇش ئۈچۈن ئەل قائىدەدىن ئايرىلدى.
تەشكىلاتنىڭ ئەسەبىيلىكى رايۇندىكى ئەل قائىدە تەرەپدارلىرى ئۈچۈن ئىراق ۋە سۇرىيە تۇپراقلىرىدا خەلىپىلىك قۇرۇشقا يېڭى قانلىق بايراق ئاچتى. بۇ جەرياندا ISIS نىڭ يۈكسىلىشى ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ «بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق» تىكى مۇداخىلىچى خاراكتىرىنى يېڭى بىر ھالەتكە ئىگە قىلدى. ھاۋا ھۇجۇملىرى، ئىشغال قىلىش ۋە ئۇرۇشنىڭ يېڭى باھانىسى سۈپىتىدە ئەل قائىدەنىڭ ئورنىنى ISIS ئالدى.
ISIS نىڭ سايىسىدە ئەرەب باھارىدا ئەمەلىيەتتە مەغلۇب بولغانلار يېڭى ھۆكۈمران كۈچلەر بولدى.
ISIS رايۇنلۇق ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكۈچىلەرنىڭ بىر باھانىسى بولدى.
سۇرىيە، ئىراق ۋە مىسىردىكى ھاكىمىيەتلەر كەڭ دائىرلىك بېسىم ۋە جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن تېرور تەھدىتىنى ئىشلەتتى. خەلقئارالىق ھەق-ھۇقۇق بىر بۇلۇڭدا قالغىنىدا، ئىنتىقام ھۇجۇملىرى ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ھەقىقىتى بولدى.
ئەرەب بولمىغان كۈچلەر ئىستىراتىگىيەلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە خەرىتىلەرنى يېڭىدىن سىزىش ئۈچۈن ISISنى ئىشلەتتى، نىيۇ يورك تايمىس گېزىتى دىگەندەك: «ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ ھەر ئىككىسى ISIS گە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئىتتىپاقداشتەك كۆرۈنۈپ قالماسلىققا تىرىشىۋاتىدۇ».
ئىسرائىلىيەمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ISIS قورقۇنچىسىنى غەززە رايۇنىغا ھۇجۇم قىلىش، تېخىمۇ كۆپ پەلەستىن زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاساسى ھەق-ھۇقۇقلىرىنى ئىتىبارغا ئالماسلىق ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاشىنگتونغا يۈزىنى تەتۈر قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىدى.
ۋەزىيەتنىڭ غەلىتە شەكىلدە ئۆزگىرىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ISIS نىڭ ئەتراپىدىكى ئەھۋالغا سۇئال نەزىرىدە قاراتتى. ISIS نىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟ ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرى نىمە؟ ISIS تىن ۋە ئۇنى قوللاشتىن پايدىغا ئېرىشەمدۇ؟
ISIS نىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمەس قوللار بارمۇ؟
ئىراننىڭ تۇنجى پرېزىدېنت ياردەمچىسى مەسۇمە ئەبتەكار، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA نى ISIS نى مەيدانغا چىقارغان كۈچ دەپ ئەيىپلىدى. ئىراننىڭ سابىق ئاخبارات مىنىستىرى ھەيدەر مۇسلىھى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ، ISIS نى CIA بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مەخپى ئاخبارات ئورگانلىرى Mossad ۋە MI6 نىڭ قۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرمۇ بۇ قاراشنى قوللىدى. بەشىر بۇ ھەپتە Euronews قا قىلغان سۆزىدە، CIA ۋە Mossad نىڭ بوكو ھەرەم ۋە ISIS نىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ۋە «بۇلار قىلغان ۋەھشىيلىكنى بىرەر مۇسۇلمان قىلمايدۇ» دېدى. بەشىر يەنە، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى چىقارغان ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەت جىنايىتى ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئەيىپلىدى.
فىدەل كاسترومۇ ئوخشاش پىكىردە، كاسترو ISIS نىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا كۈچلىرى بار دەپ قارايدۇ.
يەنە بىر قىسىم تەرەپلەر بۇنىڭغا ئىراننى مەسئۇل دەپ قارايدۇ. سۇرىيە مىللى ئىتتىپاق سابىق باشلىقى ئەھمەد جابرا، ISIS نىڭ يۈكسىلىشى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە بار دەپ قارىماقتا.
يەنە بىر كۆزەتكۈچى،« ISISنىڭ ئارقىسىدا ئىران ئىنقلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس كۈچلىرى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.
يەنە بەزىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ISIS نىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. نۇرى ئەل مالىكى ئۆتكەن يىلى يازدا ئىراق باش مىنىستىرى چېغىدا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، سەئۇدىيلىقلارنىڭ ISIS نى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە قىرغىنچلىق قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
پىنسىيەگە چىققان ئامېرىكىلىق گېنىرال ۋېسلىي كلارك، بۇ ۋەزىيەتنى داۋاملىشىۋاتقان ئىستىراتىگىيەلىك تۇقۇنۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ، « ئىتتىپاقداشلىرىمىز لىۋان ئاللاھ پارتىيسىنى يۇقىتىش ئۈچۈن ISIS نى قوللاۋاتىدۇ» دېدى. كلاركنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە يالغۇز رادىكال ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس. رادىكال ئىسلام ئىستىراتىگىيەلىك مەقسەتلەر بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن؛ ئامېرىكا ئافغانىستاندا سوۋىتلارگە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا رادىكال ئىسلامدىن پايدىلاندى. سەئۇدىيلىقلارغا ئىقتىساد تەمىنلىشى ئۈچۈن يالۋۇردۇق، ئۇلار تەمىنلىدى» دېدى.
پىشقەدەم مۇخبىر ۋە «ISIS ۋە يېڭى سۈننىي قوزغىلىڭى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى Patrick Cockburn سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىمالى ئىراقنى كونتروللۇققا ئېلىشى ئۈچۈن ISIS قا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. Cockburn سۆزىدە سەئۇدى پىلانىنىڭ ئون يىل بۇرۇنقى پىلان ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
«دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى دوستۇڭمۇ؟» ياكى ئوتتۇرىدىكى گۇمانغا قاراپ ھەم دوستۇم ھەم دۈشمىنىم بولامدۇ؟
ISIS نىڭ يۈكسىلىشى ۋە تارقىلىشىغا كىم مەسئۇل ئىكەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن گۇمانى قاراشلار مەۋجۇت. گۇمان قىلىنغانلاردىن قايسى بىرىنىڭ ISIS قا ئوخشاش بىر تەشكىلاتنى قانداق بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى نائىنىق. پۇل، تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يىتەرلىك سەۋەب ئەمەس.
ISIS گۇمان قىلىنغانلارغا خىزمەت قىلسىمۇ، گۇمان قىلىنغانلارنىڭ ھەر بىر ھۇجۇمىغا باھانە پەيدا قىلسىمۇ، بۇ گۇمان قىلىنغانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ISIS نىڭ يۈكسىلىشى ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ.
قىسقىچە ئېيتقاندا، ISIS نىڭ پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ISIS نى پەيدا قىلغۇچى دىگەن قاراشنى كۆرسىتەلمەيدۇ. سورۇلىشى كىرەك بولغان سۇئال ISIS نىڭ يۈكسىلىشىنىڭ ۋە تارقىلىشىنىڭ ئارقىسىدا كىم بارلىقى ئەمەس، بەلكى يۈكسىلىشىگە نىمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ۋە ISIS نىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاقنىڭ بومباردىمان قىلىش ۋە بېسىملىرىغا قارشى پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا نىمىنىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدۇر.
بىر قانچە كۈن بۇرۇن ، ئوباما ISIS نىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى؛ دىكتاتورلۇق، مەزھەبچىلىك، ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ياتلاشتۇرۇلۇشى.
ئافغانىستان ۋە سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپىە ئۆتەۋاتقان ، ۋاشىنگتون تەرەپكە يېقىن پىشقەدەم دىپلومات لەھدەر بىرەھمى بۇ ھەپتە ئىلان قىلغان باياناتىدا: «ISIS نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ ئىراقنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە ئىشغال قىلىنىشى ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوق. ئىراق ئۇرۇشىنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس، ۋە شۇئاندا كۆرىۋاتقىنىمىز بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى». برەھىمى يەنە، «ISISنى ئامېرىكىنىڭ قۇرغانلىقىنى مەقسەت قىلمىدىم، ئەمما ئىشغالىيەتتىن كېيىن شارائىت ئەل قائىدەنىڭ ئىراققا كىرىشىگە ۋە ISIS نىڭ كۈچلىنىشىگە يول ئاچتى» دېدى.
خۇلاسىلىسەك، ئەيىپلىنىشى كىرەك بولغانلار ئېنىق؛ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى، ئىراننىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن يامانلىققا پايدىلىنىشى، بەششار ئەسەدكە ئوخشاش دىكتاتورلارنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزھەبچى مۇقىمسىزلىق….ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس.
ئاپتۇرى: مەرۋان بىسھارا.
مەنبە: ئەلجەزىر تورى
(بۇ ماقالە پەقەت ئاپتۇرنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved