ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا «ئەنگلىيە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر جىنايەتچىنى خاتا قويۇپ بېرىدۇ» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يىلى خاتا قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر ئارىسىدا قاتىل، قوراللىق بۇلاڭچى، باسقۇنچىلىق قىلغۇچى قاتارلىق كۆپ خىل خەتەرلىك جىنايەتچىلەر بار ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈرمە باشقۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەر ھەپتىدە بىر خەتەرلىك جىنايەتچى مەخپىي ياكى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدىكەن.
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان شۇنداق بىر مىسال باركى، قاتىل مارتىي جوناس (Marty Jonas) سوتلىنىشنى كۈتىۋاتقان ۋاقىتتا خاتا ھالدا ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۈرمە كىنكولىن خان جەمەتى تۈرمىسى (Lincoln Royal Prison) تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەت سەپەر قىلغان، كېيىن بايقىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە قايتىدىن تۈرمىگە سولانغان.
ئەڭ يېڭى سىتاستىكا ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە جەمئىي 505 جىنايەتچى خاتا ھەلدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن، بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر جىنايەتچىنى قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پەقەت 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئەنگلىيەدە جەمئىي 48 جىنايەتچى، جىنايەت گۇماندارى، جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان جىنايەتچى قاتارلىق خەتەرلىك جىنايەتچىلەر خاتا ھالدا قويۇپ بېرىلگەن.
تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېدى، جىنايەتچىلەرنى خاتا ھالدا قويۇپ بېرىش ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سانلىق-مەلۇمات ئەدىلىيە باش ۋەزىرى مىكخائېل گوۋې (Michael Gove) نىڭ «ئاخبارات ئەركىن قانۇنى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
«زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ۋېسىت خاستىڭىس (West Hastings) مۇنداق دېدى، بۇنداق كۆپ جىنايەتچىنىڭ خاتا ھالدا قويۇپ بېرىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. «بىز جىنايەتچىلەرنى خاتا قويۇپ بەرگەندە پۇقرالارنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، بۇنداق جىنايەتچىلەرنىڭ تېخى چوڭ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.»
كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فىلىپ داۋىيىس (Philip Davies) مۇنداق دېدى:«تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پۇقرالارنى قوغداش. ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ سانلىق-مەلۇمات شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ھەر ھەپتىدە بىر جىنايەتچىنىڭ خاتا قويۇپ بېرىلىشى، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا 34 ياشلىق قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغۇچى رىيان بىيىرنې (Ryan Byrne) تۈرمىدە توققۇز يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى توشۇشقا 18 ئاي بار ۋاقىتتا لوندوننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ۋاندىسۋورس تۈرمىسى (Wandsworth Prison) تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن.
رىيان بىيىرنې تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يوشۇرنۇپ يۈرمەكتە يوق، ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى، يەنى قاۋاقخانىغا بارغان سۈرەتلىرىنى يوللىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى بايقاپ قايتا قولغا ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved