ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى نېمىدىن قورقىدۇ؟

رەڭسىز تېلېۋىزور ئۆزىنى قالايمىقان قويۇپ – ئۆچۈرۈشتىن قورقىدۇ. چۈنكى ھەر قېتىم تېلېۋىزورنى ئاچقاندا، تېلېۋىزورنىڭ ئېكران چىرىغى قىلىدا بىر قېتىم زىيادە قىزىش كۆرۈلىدۇ، كۆپ ئۆچۈرۈپ – قويغاندا، تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.

 


رەڭلىك تېلېۋىزور ماگنىت مەيدانىنىڭ كاشىلا قىلىشىدىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەڭلىك تېلېۋىزورغا يېقىن ئورۇنغا ماگنىتلىق تۆمۈر قاتارلىق بۇيۇملارنى قويماسلىق كېرەك، بولمىسا ئېكراننىڭ رەڭگى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

 


رادىيولۇق ئۈنئالغۇ باش ئوقنىڭ ئېگىلىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەگەر باش ئوق ئازراق ئېگىلىپ قالسا، تىترەڭگۈ ئاۋاز پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماگنىتلىق لېنتىنى رادىيولۇق ئۈنئالغۇدىن ئالغان – سالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

 


توڭلاتقۇ يانتۇ قويۇلۇپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ. پىرېسلىغۇچ(سىقىش ماشىنىسى) ئادەتتە پۇرژىنا بىلەن مېتال قاچىغا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، توڭلاتقۇ يانتۇ بولۇپ قالسا، ئىلمەكتىن چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ.

 


كىرئالغۇ قىزىق سۇدىن قورقىدۇ. چۈنكى قىزىق سۇ ساندۇق گەۋدىسى ۋە پىلاستىك ماتېرىيالدىن ياسالغان زاپچاسلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قىزىق سۇ ھەتتا پىرقىرىغۇچ چاقنىڭ ھىملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 


توك شامالدۇرغۇچ پىقىرىغۇچ قانىتىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى پىقىرىغۇچ قانىتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، پىقىرىغۇچنىڭ ئايلىنىش تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يېتىپ، شامال كۈچى ئاجىز، تەۋرىنىشى كۈچلۈك، شاۋقۇن كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنىڭدەك شامالدۇرغۇچنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنىمۇ قىسقارتىۋېتىدۇ.

 


توك ئەدىيال قاتلىنىپ كېتىشتىن قورقىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىق چىقىرىش سىمى ئىنچىكە ھەم چۈرۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان ئۈزۈلىدىغان بولغاچقا، قايتا ئۇلاپ قويغان تەقدىردىمۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. 



خەتكۈچلەر:
04-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
23-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 50 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ياردەم كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياردەم بېرىش خىزمىت...
23-05-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇرە خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يەسلىلەرگە 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ...
21-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىل...
Powered by Leglek