رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە مۇنداق دېيىلدى، رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتى تەتقىقات ۋە پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىمىترىي سۇسلوۋ سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئۆتكۈزگەن يىغىندا، ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى پارتلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: « ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشى 5-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى پارتلىشى مۇمكىن، چۈنكى فېدېراتسىيەلىشىشنى قوللىغۇچىلار تەبىئىيكى ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ. روشەنكى، ئۇلار ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا يۈزەكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدۇ، بۇ ماھىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە ئۇكرائىنا ئىچكى قىسىم مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved