مايكىنىڭ ئالدىغا پۇتىننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ «ئوڭدا سېلىش» دەپ يېزىلغان
نويابىرنىڭ 15-16-كۈنلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئاۋسترالىيەنىڭ پورت شەھىرى برىسباندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يىغىن تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈردى، ئەمما بۇ يىغىننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن قانداق كىيىم كىيىش كېرەك؟ ئاۋسترالىيە «برىسبان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر قانداق قىلىپ پۇتىن ياكى ئەببوتنى مازاق قىلىش ئۈستىدە ئويلانماقتا. برىسبان كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى فىيونا ستاگېر بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر ئىش ئويلاپ چىقتى. ئۇنىڭ «جۈمەلىك ئوڭدا سېلىش (Shirt Front Friday)» ناملىق مايكىسىنى كەيسىڭىز بۇ ھەم پۇتىننى، ھەم ئەببوتنى مازاق قىلىش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
ستاگېر ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: قايسى يوسۇندا ئاۋسترالىيەگە ۋاكالىتەن سۆزلەش، قانداق سۆز ئىشلىتىش، ئەببوت ئۈچۈن بىر خىرىسقا تولغان ئىش. خەلقئارالىق سەھنىدە تۇرۇپ سۆزلىگىنىڭىزدە، ئىشلەتكەن سۆز جۈملىلىرىڭىزگە قاتتىق دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مېنىڭچە ئەببوت سۆزىدە كەتكۈزۈپ قويدى. پۇتىن چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئەمما بۇ خىل ئەيىبلەش ئۇسۇلى تازا توغرا ئەمەس.
سىتاگېر يەنە، پۇتىن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17نۆۋەتلىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە «ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېدى.
سىتاگېر ئۆزىنىڭ بۇ مايكىسىنىڭ G20يىغىنى باشلىنىشىتىن بۇرۇن، ھەممە يەرگە تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ستاگېرنىڭ كىتابخانىسى برىسبان شەھىرىنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر G20يىغىنى بىخەتەرلىك قوغداش رايونىنىڭ سىرتىدا. كىتابخانا كۆپچىلىككە مايكا تارقىتىپ، ئىئانە يىغماقتا. يىغىلغان ئىئانىلەر ئاۋسترالىيە يەرلىكلەر مەدەنىيىتى ۋەخپىسى (فوندى) غا تاپشۇرۇلۇپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved