قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ 30- نويابىر پايتەخت ئاستانادا دۆلەت ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بەرگەندە، قازاقىستاننىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق قاتارلىق بازارلار مۇقىمسىز بولىۋاتقانلىقتىن، قازاقىستان ئىقتىسادى سىناقلارغا يولۇقماقتا، خەلقئارا خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا زەربە بولماقتا، قازاقىستان ئۇنۋىرىسسال تەدبىر قوللىنىپ كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ، ھەمدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا موھتاج بولماقتا. دۆلەت كارخانىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇشغاندىلا، ئاندىن بازارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved