ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ياپونىيەنىڭ خاكونىدىكى بىر مېھمانخانا يېقىندا ‹‹ گېيشا (ياپونىيە چايخانىلىرىدىكى ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى خوتۇن) يۈرۈشلۈك تائاملىرىنى تېتىپ كۆرۈش ›› مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل مۇلازىمەتتە مېھمانخانىنىڭ 50 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى زىياپەتخانىسىدا ئىككى نەپەر گېيشا مۇزىكىغا جۆر بولۇپ پىرىلداپ ئۇسسۇل ئوينايدىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مېھمانلار بىلەن ئويۇن ئوينايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يۈرۈشلۈك تائامنىڭ ھەققى 3000 دىن 5000 ياپونىيە يېنى ( تەخمىنەن 160 يۈەندىن 260 يۈەنگىچە ) بولۇپ ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 مېھمان بۇ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved