رۇسىيە « Regnum » ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا: رۇسىيەنىڭ چۆكۈپ كەتكەن « يىراق شەرق» ناملىق بېلىقچىلار كېمىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بىر مىليون رۇبلى (تەخمىنەن 110 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى نۆۋەتتە ساكالىن ئۆلكىسى (Sakhalin) گە بېرىپ بولغان.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى ماكسىمې توپىلىن (Maxime•TuopiLin) بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بېلىقچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ سۆرىمە تور بىلەن بېلىق تۇتىدىغان بىر كېمىسى يىراق شەرقتىكى ئوخۇت دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 56 گە يەتكەن، 63 ئادەم ئامان قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved