ما يۈن سانلىق مەلۇمات دەۋردە شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 ما يۈن 23 – نويابىر شىنجاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر ئەلى بابانىڭ ئابۇنىچىلىرى 600 مىليوندىن ئاشتى، كۆپچىلىك ئەلى بابا گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىدۇ.


ما يۈن كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، بولۇپمۇ 11 – نويابىردىكى توردا مال سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە، ئەلى بابا قارىمىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سېتىش كىرىمى 57 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ما يۈن ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنىڭ گىلاسلىرىنى، ئالياسكىنىڭ چوڭ قىسقۇچپاقىسىنى ساتساق بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئىشەنچىمىز بار. بىز رايونلار ئارا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتىمىز. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىمىز. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ناھايىتى ياخشى دەپ ئاڭلىدىم. مېنىڭچە، بۇلارنى مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىمۇ سېتىشقا بولىدۇ.


ما يۈننىڭ ئىشەنچىسى تولۇق ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە، شىنجاڭ بىلەن ئەلى بابا گۇرۇھى 2013 – يىلى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹شىنجاڭدا جەم بولايلى›› ناملىق پائالىيەت توردا سېتىش رېكورتىنى ياراتتى. بۇ يىل 9 – ئايدا بۇ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹100 مىليون يۈەنلىك ئۆمەك›› پائالىيىتى، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىملىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلدى. ‹‹تاۋباۋ›› تورى شىنجاڭدا تىجارەت باشلىغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 800گە يېقىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا توردا مال سېتىشقا كىرىشكەن.


ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەلى بابانىڭ دۇنياۋى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ما يۈن مۇنداق دېدى: بىز ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، بىلىمنى تۆۋەندىكىلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، يېزا مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەلى بابا گۇرۇھى بۇ يىل ئامېرىكا نيۇيۇرك بىرژىسىدا ئاكسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىپ، تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زورIPO سودىسىنى پۈتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە 1 – چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى، 2 – چوڭ ئالاقە تورى كارخانىسى بولۇپ قالدى.


ما يۈن شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ، شىنجاڭنى ‹‹ئۈچ ئەسىر›› يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن سانلىق مەلۇمات دەۋرىدىكى شىنجاڭ ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ، ئەلى بابانىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇشقا كۈچەيمەن.



خەتكۈچلەر:
25-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek