جاھىل كارخانىچى كونوسۇكى ماتسۇشىتا

جاھىللىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى

ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن


كونوسۇكى ماتسۇشىتا ياپونىيەنىڭ داڭلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىسى پاناسونىكنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹تىجارەت ئىلاھى›› دېگەن نامى بار. كونوسۇكى ماتسۇشىتا يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقىتتا، ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىگە كۆز تىكىپ، بۇ ساھەنىڭ كەلگۈسىدە زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندى ھەم بىر خىل يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بازاردا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ توك مەنبە روزېتكىسى ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى ئويلىغىنىدەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەي، روزېتكىنىڭ بىرسىمۇ سېتىلمىدى.


كونوسۇكى ماتسۇشىتانىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بۇنداق مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ، ئۇنىڭدىن كۆرە كۆڭۈل خاتىرجەم بىرەر ئادەتتىكى خىزمەت تېپىپ، مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرگەن ياخشى، دەپ قارىدى. ئەمما كونوسۇكى ماتسۇشىتا ئۇنداق قىلمىدى، ئۇ ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ھەتتا خوتۇنىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ گۆرۈگە قويۇپ، توپلىغان پۇللارنى يەنە مەھسۇلات تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلدى. پاناسونىك ئېلېكتىر سايمانلىرى دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق جاھىللىقى نەتىجىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدى.

پاناسونىك ۋېلىسىپىت چىرىغى، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى ئىشلەشتىن سىرت يەنە رەقەملىك ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. شىركەت ھەر بىر قېتىملىق سىناقتا تەكرار ‹‹تەرسالىق››تا چىڭ تۇردى. بۈگۈنكى كۈندە پاناسونىك ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇنيادا 230دىن ئارتۇق شىركىتى، 250 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، مەھسۇلاتلىرى يەرشارىغا تارقالغان دەرىجىدىن تاشقىرى كارخانىغا ئايلاندى.

ناۋادا كونوسۇكى ماتسۇشىتا ئوساكا ئېلېكتىر چىراغ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان روزېتكا سېتىلمىدى، دەپ بەل قويۇۋەتكەن بولسا، بۈگۈنكى پاناسونىك ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىلار كۆپ ھاللاردا كارخانىچىلارنىڭ جاھىللىقىغا تايىنىپ ئۇتۇپ چىققان. ئەگەر ئوڭۇشسىزلىق كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە چوقۇم باشتىن كەچۈرۈشكە تېگىشلىك ئازاب – ئوقۇبەت دېيىلسە، ئۇنداقتا جاھىللىق دەل كارخانىنىڭ بۇنداق جاپا – مۇشەققەتنى يېڭىشىدىكى ئەڭ ياخشى قورالى.
ئەقلىي يەكۈن: كارخانا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، كونوسۇكى ماتسۇشىتاغا ئوخشاش جاھىل خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم روشەن نىشان بېكىتىشى كېرەك، چۈنكى كارخانا ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا، ئاندىن نېمىدە چىڭ تۇرسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ؛ خىزمەتچىلەرنى بىر قىسىم ئۇتۇق قازانغان جاھىل كارخانىچىلارنىڭ تەرجىمىھال ئوقۇشلۇقلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئوقۇپ ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
13-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek