ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا فلورىدا شىتاتىدىكى 2 ياشلىق بىر قىزچاق ئويۇنچۇق ماشىنىنى قاراملىق بىلەن سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەۋاتقاندا چارلىغۇچى ساقچىلار كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى توختىتىپ تۆت ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان. ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشى قىزچاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى مىشاۋ بولۇپ، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئۈستى ئوچۇق ئويۇنچۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئوينىغان. چارلىغۇچى ساقچىلار ئۇنىڭغا دەل ئۇچراپ قېلىپ، سۈرئىتى تېز، سەل خەتەرلىك دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچى كرىستىيان ۋېلاسكو چارلاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزچاققا يېتىشىۋالغان، ۋە ئۇنى ماشىنىنى تېز سۈرئەتتە قاراملىق بىلەن ھەيدىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە تۆت دوللار جەرىمانە قويغان. قىزچاقمۇ جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن تاقەتسىزلىك بىلەن يەرلىك ساقچىخانىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ جەرىمانىنى تاپشۇرۇغان.
ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار بۇ رايوندا بىر جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرىۋاتقان ئىكەن، بۇ قىزچاققا ئۇچراپ قېلىپ قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپلا قىزچاقنى ئەسكەرتكەن. قىزچاقنىڭ تاغىسى ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە پۈتۈن بىر كۈن ئىللىق سېزىمغا چۆمگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ تېخى بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرئەتكە تارتىۋېلىپ تورغا چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved