5- يانۋار، خۇنەن ئۆلكىسى داۋشيەن ناھىيەسى شىنچې بازىرى شياۋېن كەنتتىدىكى بىر كەنت ئاھالىسى تاغ ئورمانلىقىدىكى چىغىر يولدىن ئىسمىنى ئۇقمايدىغان ئالتە دانە قۇش بالىسىنى تېپىۋېلىپ، ئالاقىدار ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ ئالتە دانە قۇش بالىسىنىڭ نامى شادىپاچاق ھۇقۇش ئىكەن، ئادەتتە بۇ قۇش مايمۇن يۈزلۈك بۈركۈت دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئىكەن. شۇ كۈنى، داۋشيەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ قۇش بالىلىرىنى يۆيەن ئورمانچىلىق ئىدارىسى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق باغچىسى ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش پونكىتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇ پونكىت بۇ قۇش بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ بولغاندىن كېيىن تەبىئەتكە قويۇپ بېرىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved