رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 17-ئىيۇن بريۇسسېلدىكى يىغىندا رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئالتە ئاي يەنى 2016-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلغان. بۇ خەۋەردە يەنە: بۇ دەسلەپكى قارار دەپ كۆرسىتىلگەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى: 22-ئىيۇندىن بۇرۇن ئاخىرقى قارار ئېلان قىلىنىدۇ دېدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسىنى ئۇزارتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسىنى كېڭەيتىمىز دېگەن. رۇسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى سىرۇئانوف بۇ قاراردىن كېيىن: ياۋروپانىڭ جازانى ئۇزارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدۇق دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved