شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، رۇسىيە پايتەختى موسكۋا باسمان رايونلۇق سوت مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، رۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى بورىس نېمۇزوفقا قەست قىلىش دېلوسىدىكى بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى گۇماندار رەسمىي ھالدا ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
رۇسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى 8-مارت بۇ بەش گۇماندارنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ بەش گۇماندار 8- مارت سوتقا تارتىلغان. باسمان رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاننا فاديېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئەنزەر كوباشېۋ ۋە شار دادايېۋ سوتتا رەسمىي ئەيىبلەنگەن.
باسمان رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاننا فاديېۋا بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ كونكرېت قايسى خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
كوباشېۋ بىلەن دادايېۋ ئىككىسى رۇسىيەنىڭ چېچېن جۇمھۇرىيىتىدىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى 7-مارت ئەتىگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىكساندېر بورتېنىكوۋ بۇ ئىككىسىنىڭ نېمۇزوفنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسىدىكى گۇماندارلاردىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا ئوينىغان رولى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە توختالمىغان.
باشقا ئۈچ نەپەر گۇماندار ئايرىم -ئايرىم ھالدا كوباشېۋنىڭ ئىنىسى ساجىد كوباشېۋ، رامزايىت باھايېۋ ۋە تامران ئىسھاخوكوۋ بولۇپ، بۇ ئۈچەيلەنگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار كۆپ ئەمەس ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved