مۇخبىرنىڭ قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورغاس ناھىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى شەھەرگە ئۆستۈرۈش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان، قورغاس شەھىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن.
قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدە ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ئومۇمىي رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ رايوننىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 73 كىۋادرات كىلومېتىر(بىڭتۈەن تارماق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قورغاس پورتى 30 كىۋادرات كىلومېتىر، غۇلجا سانائەت رايونى 35 كىۋادرات كىلومېتىر، چىڭسىخوزا يانداش كەسىپلەر سانائەت رايونى سەككىز كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قورغاس شەھەر بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، نوپۇسى تېز كۆپىيىدۇ، شەھەرلىشىش مۇساپىسى تېزلىشىدۇ. قورغاسنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى، ئەشيا ئوبوروتى، سودا، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغاچقا، ھۆكۈمەت سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved