ياپونىيە تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان بىر خىل دورىنى بايقىغان، بۇ خىل دورا يەنە ئاق قان كېسىلى راك ھۈجەيرىلىرىنى داۋالاشتا ئالاھىدە رولغا ئىگە ئىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن 2015 – يىل كۈزدىن باشلاپ كېلىنكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 25 – چىسلادىكى ئامېرىكا ئىلىم پەن ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەلىكلەر ئىچىدە كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان T ھۈجەيرە ئاق قان كېسىلىنى بىر خىل «HTLV-1 » ناملىق ھۈجەيرە يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن، ھەمدە ئاسانلا پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدىكەن. ياپونىيەدە بۇ خىل مىكروب بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 1.08 مىليون كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %5 كىشى ئاسانلا ئاق قان كېلىسى بىمارى بولۇپ قالىدىكەن.
توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەتقىقات داۋامىدا، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر خىل دورىنىڭ بۇ خىل راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈشتە ناھايىتى ئاكتىپ رولى بارلىقىنى بايقىغان، شۇڭا بۇ پىلان ناھايىتى تېزلا كىلىنكىلىق تەجرىبە قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved