ئىسپانىيە-ئەنگلىيە بىرلىشىپ قانۇنسىز ھالدا كۆچمەنلەرنى توشۇغان شايكىنى بىتچىت قىلدى

     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى 7-يانۋاردىكى ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلىشىپ قانۇنسىز ھالدا ياۋروپاغا ئىران كۆچمەنلەرنى توشۇغان جىنايەتچىلەر شايكىسىنى بىتچىت قىلغان. ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ دېيىشچە، يېقىنقى توققۇز ئايدىن بۇيان، بۇ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش شايكىسى ياۋروپاغا 50 نەچچە نەپەر كۆچمەنلەرنى توشۇغان.

     بۇ شايكىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى مادرىدتا قولغا ئېلىنغان. يەنە بىر ئادەم ئاندالۇسىيە ئاپتونوم رايونىدىكى فىشىلودا قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار بۇ شايكىنىڭ بىر ئورۇندىكى ئۇۋىسىدا بىر چامادان ۋە يۈز مىڭ ياۋرو نەق پۇلنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۈركۈم  47 دانە فىرانسىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە پاسپورتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساختا گۇۋاھنامىلەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىسپانىيە خان جەمەتى ساقچىلىرى ۋە ئەنگلىيە قانۇننى قوغداش تارماقلىرى بىرلىشىپ يولغا قويغان.

بىلبائو ئايرودرومدا يالغان گۇۋاھنامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئەنگلىيەگە بارماقچى بولغان تۆت نەپەر ئىرانلىقنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

     ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش شايكىسىنىڭ ئىرانلىقلارنىڭ پاسپورتىغا تامغا بېسىپ بەرگەنلىكىنى، ھەم ئۇلار ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ھەر بىر نەپەر ئىرانلىق بۇنىڭ ئۈچۈن 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ياۋرو تۆلەيدىكەن.

     ئىرانلىق چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەر مادرىدقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزگەن شايكا ئۇلارغا تۇرالغۇ جاي تەمىنلەپ بېرىدىكەن. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يالغان پاسپورت بىلەن ئۇلارنى ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلارغا يەتكۈزۈپ قويغان. بۇ پاسپورتلارنىڭ ھەممىسى تېز يوللانما بىلەن گىرېتسىيەدىن ئىسپانىيەگە يېتىپ كەلگەن.

     بۇ جىنايەتچىلەر شايكىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولۇپ قالغان.



خەتكۈچلەر:
08-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek