نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، ئىچ كىيىملەر ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بىر قىسىم ئاياللار ئاقىۋىتىنى ئويلىماي كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقتا ۋە شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلماقتا. ئىگىلىنىشچە، قارىغۇلارچە كۆكسىنى چوڭايتىش ئاياللارنى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار قىلىدىكەن.
تېببىي خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، سۈت بېزى راكى ئاساسلىقى، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتمەسلىكى، ئاستا خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى، ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىش ئۈچۈن ماسىساژ قىلىشى، كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى، ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى باشقا ئورگانلاردىكى راكنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشى قاتارلىقلارمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆكسىنى چوڭايتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن كۆپ بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن. سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلىپىدە ئالاھىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، ئاياللار يىلدا بىر قېتىم كۆكسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، يۇيۇنغاندا كۆكرەكتە تېرىقچىلىق چوڭلۇقتىكى غەيرىي، قاتتىق مۇنەك پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىمكەن. ئاياللار ھەر ۋاقىت كۆكسىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى، تۇغۇتتىن كۆكرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارمۇ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىمكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved