ئوغرى چىش كۆپىنچە ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ ئۇچىرايدۇ.بىر قاتار رەتلىك ئۆسكەن چىشلارنىڭ ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇچىش ئۆزنىڭ ‹‹ئارتۇق››لىقى بىلەن كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.ئارتۇقچە ئۆسكەن چىش قانداق ئەھۋال ئاستىدا چىقىدۇ؟ئۇنى تارتقۇزۇش كىرەكمۇ،،يوق؟ ئارتۇقچە ئۆسكەن چىش ئادەتتە سۈت چىش بىلەن ئۆمۈرلىك چىشنىڭ ئالمىشىش مەزگىلدە يەنى 6-7 ياش مەزگىلدە چىقىدۇ.بۇ ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلاقالماستىن،بىرقىسىم ناچار ئادەتلەربىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.يەنى قەلەمنى چىشلەش،قولنى شوراش،چىش چىقىۋاتقان مەزگىلدە تىلنىڭ ئۇچى بىلەن چىشنى داۋاملىق ئتتىرىپ بىرىش قاتارلىقلار نەتىجىسىدە ئارتۇقچە ئۆسكەنچىش ئۆسۈپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كالتسي كەملىكتىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ.ئارتۇقچە ئۆسكەن چىش ئكككى چىشنىڭ ئارىسىغا ئۆسۈپ چىققاچقا،چىشلارنىڭ شەكلىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئەمما بۇچىشنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر،ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن،چىداملىق ،ئاسان چىرىمەيدىغان بولغاچقا تارتقۇزۋېتىشكە بولمايدۇ.ئادەتتە 13-14ياش بۇچىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.داۋالاشتا ئامال بار تارتقۇزۋەتمەسلىك ،چىشنىڭ ئورنى بولسا ئۇنى رەتلەش كىرەك.چىشنى رەتلىگەندە چوقۇم چوڭ دوختۇرخانلارغابېرىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئش كۆرۈش كىرەك.بولمىسا جاغ سۆڭەكلىرنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئەھۋالمۇ يۇز بېرىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved