ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى نەق مەيداندا ‹‹يايما ئېچىپ››، ئاممىغا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ‹‹يايما›› ئالدىدا ئەھۋال ئىگىلىدى
15-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيە قاتارلىق ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› مۇلازىمەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى مۇجى بازىرىنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› مۇلازىمەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەق مەيدانى قىزىپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇن پەن-تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە خادىملىرى نەق مەيداندا ‹‹يايما ئېچىپ›› ئاممىغا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، دورا تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار يەنە ئاممىغا نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.
2014-يىللىق ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق 15 ئورۇن خوتەن ۋىلايىتىدە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved