5 – ئىيۇن مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى تەكشۈرۈش – كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى›› غا ئاساسەن، ‹‹شىنجاڭ تەكشۈرۈش – كارانتىن ئىدارىسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئاپپاراتلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ باھالاش ئۆلچىمى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ تەكشۈرۈش – كارانتىن ئىدارىسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى›› نى تۈزۈپ چىققان ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىمپورت قىلىنغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە بەلگىسى بارمۇ – يوق ھەمدە ئىشلىتىش داۋامىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەنمۇ – يوق؟ قاتارلىق مەسىلىلەرنى شىنجاڭ بويىچە تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھەر خىل دوختۇرخانىدىن 500 نەچچىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدەA 3 دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن 32 سى بار ئىكەن. شىنجاڭ چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى تەكشۈرۈش – كارانتىن قىلىش ئىدارىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئوبيېكتلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved