App Annieئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى Google Play دىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى ئالما App Store دىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئومومەن ئېيتقاندا، Google Play دىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىليون قېتىمغا يەتكەن، ئالما App Store دىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى بولسا 100 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن.
Google Play دىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىقى بىرازىلىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، تۈركىيە ۋە مىكسىكا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەردىكى ئابونت سانىنىڭ كۆپىيىشى تۈرتكە بولغان، كونكرېت ئېيتقاندا، يېڭىدىن گۈللەنگەن رايونلاردىكى ئابونتلارنىڭ Google Play دىكى ئەپلەرنى چۈشۈرۈش مىقدارى ئومومىي ساننىڭ %50 ىنى ئىگەللەيدىكەن.
ئابونت سانى ۋە چۈشۈرۈلۈش مىقدارىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى گۇگېلنىڭ ئېلان كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر چوڭ خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالما App Store نىڭ بۇلتۇرقى ئومومىي كىرىمى Google Play دىن يۇقىرى تۇرغان، ئىگەللىنىشىچە، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بازىرىدىكى ئابونتلار App Store كىرىمىنىڭ %90 گە تۆھپە قوشقان ئىكەن.
بىر قىسىم رايونلاردا، گۇگېل ھىلىھەم ئالما شىركىتىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى تەۋرىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئەنگىلىيە بازىرىدا ئەھۋال سەل ئالاھىدە ئىكەن. ئەنگىلىيەدىكى ئابونتلارنىڭ App Store دىكى ئەپ دېتاللارنى چۈشۈرۈش ۋە سېتىۋېلىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ App Store گە قوشقان تۆھپىسى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ Google Play گە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ھەتتا ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved