‹‹ياشلارنى <ئەسەبىي ئىدىيە>نىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم››

مۇيەسسەر ئاباھامىت


مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتىدىن كەلگەن شىرئەلى ئەيسا 3 – قارارلىق ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قابىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان يېشى ئەڭ كىچىك كۇرسانت. ئۇ كۇرس ئاخىرلىشىدىغان كۈنى ماڭا مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك كۇرستا يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىدىم، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى، شۇنىڭدەك نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقى توغرىسىدا بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
شىرئەلى ئەيسا 1995 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 20 ياشقا كىرىپتۇ، توي قىلىپ بىر بالىلىق بوپتۇ. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: بۇرۇن قانۇننى چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، يېشىم توشمىسىمۇ ئاتا – ئانامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي توي قىلىۋېلىپ، بىر بالىنىڭ ئاتىسى بولدۇم، مۇشۇ سەۋەبلىك كەنتتىن مېنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. ئۆگىنىشنىڭ ماڭا بۇنداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، شۇ قېتىمقى كۇرستا ناھىيە ۋە ۋىلايەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىكەن، ئۇلار نادان بولغانلىقى، قانۇن بىلمىگەنلىكى، توغرا – خاتانى پەرق ئېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاسانلا دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئاق – قارىنى پەرق ئەتمەيلا بۇنداق ئىشلارغا قېتىلىپ قالىدىكەن. مەن ياش بولغانلىقىم ئۈچۈن ياشلارنىڭ، قۇرداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، شۇڭا ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ تەشۋىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشتىم. ناھىيەمىزدە كېۋەز كۆپ تېرىلىدۇ، شۇڭا مەن كېۋەز تېرىش توغرىسىدىكى پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ياشلارغا ‹‹قانداق قىلغاندا كېۋەزدىن ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەچ، پارتىيەنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى، ئادىل سىياسەتلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاز – تولا پايدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كاللىسىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىشتا خېلى ياخشى ئۈنۈمى بولدى. بۇ قېتىمقى كۇرستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ، تەشۋىقاتچىلىقنى تاللىغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. كۇرسقا كېلىشتىن بۇرۇن بالىنى قانداق تەربىيەلەش، ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى قانداق يەتكۈزۈش توغرىسىدا ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، يامان يوللاردا ماڭغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالغان ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان ئىكەن.
دادام ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز ئادەم بولسىمۇ، ئۆگىنىشىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۇرستا تەربىيەلىنىپ باشقىچە ئادەم بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش. ئۇ دائىم‹‹ساۋاتسىزلىق، قارا قورساقلىق مەن بىلەنلا كەتسۇن، سەن بىلىمسىز بولۇپ قالما، تىرىشىپ ئۆگەن››، دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.
يۇرتۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ، دادامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى يۇرتداشلىرىمغا يەتكۈزىمەن ھەم ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن.



خەتكۈچلەر:
19-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
26-04-2016
  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى بىۋاستە ساتىدىغان 13 نۇقتىدا سېتىش تېزلىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 39.8 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 47 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.    ...
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
Powered by Leglek