1Gدىن - 4Gغىچە بولغان يانفۇنلارنىڭ تەرەققىياتى

Gيانفون دېگەن نېمە مەنىدە؟ G دېگىنىمىز ئېنگلىزچە Gngration (دەۋر) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى. 3Gدېگەنلىك ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى دېگەنلىكتۇر.1987-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئېلىمىز يانفون ئابونتلىرى 1G، 2G،3Gدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرنى باشتىن كەچۈردى. يېقىندا 4G دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ.

1G <<كېسەك تېلېفون>>

1987- يىلى، كېسەك چوڭلۇقىدىكى ئېغىرلىقى بىر كىلوچە كېلىدىغان، <<كېسەك تېلېفون>> (غوجا ئاكا) ئېلىمىزگە يېتىپ كەلگەن. گەرچە بۇ خىل يانفون زىيادە <<كېلەڭسىز>> بولسىمۇ، لېكىن شۇ دەۋىردىكى ئەڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ نامايەندىسى ئىدى، ئۇ كىشىلەرنى تۇنجى قېتىم تۇرغۇن تېلېفوننىڭ ئاسارىتىدىن مۇستەسنا قىلغانىدى.
《كېسەك تېلېفون》نىڭ گەۋدىسى يوغان بولۇپ قالماي يەنە باھاسىمۇ يۇقىرى ئىدى. ئەينى يىلى ئېلىمىزگە چاغدا، يالغۇز تېلېفوننىڭ سېتىلىش باھاسىلا 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، تورغا كىرىش ھەققى، سۆزلىشىش ھەققى قاتارلىقلارنى يىغقاندا تەننەرخى 30مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ قالغان. شۇ چاغدا ئېلىمىزدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى ئارانلا تۆت، بەش يۈز يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەر《كېسەك تېلېفون》غا پەقەت ھەۋەسلىنىش بىلەن چەكلىنەتتى. شۇ چاغدا《سانتانا ھەيدەپ، كېسەك تېلېفوندا سۆزلىشىش》مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا، تاكى 1995-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرىدىكى《كېسەك تېلېفون》ئابونتلىرى 200 مىڭدىن ئېشىپ باقمىغان.
لېكىن، ھازىر نوقۇل ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا《كېسەك تېلېفون》نى باشقىلارغا سوۋغات قىلسىمۇ، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلىشى ناتايىن. ئۇنىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاۋاز خىرە، سىگنال تۇراقسىز؛ تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بىر تېلېفون قىلىش ئۈچۈن ئادەتتە نەچچە مىنۇت ساقلايدىغان گەپ؛تولۇق توك قاچىلغاندىن كېيىن ئەڭ جىق سۆزلىشىش ۋاقتىمۇ يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت 《كېسەك تېلېفون》نىڭ پەقەت تېلېفون سۆزلىشىش ئىقتىدارىلا بار، ئۇنىڭدا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولمايدۇ، ئويۇن ئوينىغىلىمۇ بولمايدۇ. 2001-يىلى 6-ئايدا 2G تېخنىكىسى رەسمىي مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، 《كېسەك تېلېفون》بىلەن 1G تېخنىكىسى مۇزىيغا كىردى.

2G قىسقا ئۇچۇر

2G يانفونى 1996-يىلىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن. 《كېسەك تېلېفون》نىڭ كېلەڭسىز ھالىغا سېلىشتۇرغاندا 2G يانفونى ناھايىتى ئەپچىل، ھەممىدىن بەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، ئۇنىڭدا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولاتتى.
قىسقا ئۇچۇر بۈگۈنكى كۈنگە نىسبەتەن ناھايىتى ئاددىي تېخنىكا، لېكىن كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايەت زور سەكرەشتۇر. ئەمەلىيەتتە 《كېسەك تېلېفون》پەقەتلا سىمسىز تۇرغۇن تېلېفون خالاس، شۇڭا ئۇنىڭدا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولمايدۇ. يانفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن سىگنالنى 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن بىر يۈرۈش كودقا توغرا كېلىدۇ، دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن مۇشۇ تېخنىكا ئۈچۈنلا ئالىملار ئون يىل ئىزدەنگەن.
《كېسەك تېلېفون》نى تېلېفونغا ئوخشاتساق، 2G يانفونى تېلېگرامما ئاپپاراتىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كاشىلىغا قارشى تۇرۇش ۋە سۆزلىشىش ئىقتىدارى 《كېسەك تېلېفون》نىڭكىدىن خىلىلا يۇقىرى؛ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى 2G يانفونىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، 《كېسەك تېلېفون》نىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك تەننەرخىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى ئاران نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە يۈز يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق باھا ئەۋزەللىكى《يانفوننى ئائىلىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇردى.》

3G كىچىك كومپىيۇتېر
2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن 3G مەيدانغا كەلدى، قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدىلا 2G يانفونىنىڭ يېرىم بازىرىنى تارتىۋالدى.
مۇنداقلا قارىساق، 3G يانفونىنىڭ ئەڭ زور پەرقى سىرتقى شەكلىدە؛ 2G كىچىك ئېكرانلىق 《چوڭ》 كونۇپكا تاختىىسى، 3G بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە 《چوڭ》 ئېكرانلىق (سېزىملىق ئېكران 2G) يانفونى ئەسلىدە يانفوندا بار بولغان كونۇپكا تاختىسىنى بىكار قىلىپ، پۈتۈن سېزىملىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 3G سۆزلىشىش ئىقتىدارى بار ئەپلىك كومپىيۇتېرغا ئوخشايدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق 2G دەل تېلېفون بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ بىرىكمىسىدۇر. Wi-Fi تار دائىرلىك تور سىگنالى بولسىلا، 3G يانفونى بىلەن تورغا چىققىلى، ناخشا ئاڭلاپ، ۋىدىيۇ كۆرگىلى، ئېلخەت ئەۋەتكىلى ... بولىدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى رەقەملىك فوتو ئاپپارات بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

4G تېخىمۇ ئىلغار

تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقانداق، 4G دەۋرىمىزدىكى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئېلىمىز يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن 4G يانفونىنى ئومۇملاشتۇرماقچى، ئۇنداقتا 4G زادى قانداقتۇ؟
1.تور سۈرىتى تىز 4G يانفونىنىڭ تور سۈرىتى 3G يانفونىنىڭ ئون ھەسدىسىدىن ئارتۇق، نومۇرلۇق تورغا چىقىشتىن 2000 ھەسسە تېز. ئۇنىڭ ھەر سىكۇنتلىق چۈشۈرۈش تېزلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100MB غا يېتىدۇ، بىر ناخشا ئەلۋەتتە بىر سىكۇنت ئىچىدە چۈشۈپ بولىدۇ.
2.ۋىدىيولۇق سۆزلىشىش ئىقتىدارى 2G دەۋرىدىن 3G دەۋرىگىچە ئۆتكۈچە، نۇرغۇن يېڭى مۇلازىمەتلەر تەرەققىي قىلالمىغانىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب تور سۈرئىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بولغان، مەسىلەن ۋېيدىيۇلۇق سۆزلىشىش دېگەندەك. 4G دەل يۇقىرى سۈرئەتلىك تورغا تايىنىدۇ،شۇڭا 4G يانفونى رەسمىي ۋىدىيولۇق سۆزلىشىش مۇلازىمىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
سالايىھەتنىڭ نامايەندىسى بولۇشتىن ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بىردىن بولۇشقىچە؛ يېرىم كوچا پىرقىراپ تېلېفون قىلىشتىن قاچان سۆزلەشكۈسى كەلسە شۇ چاغدا سۆزلىشىشكىچە؛ ئېلىمىزنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى 20 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ خەلقئارا سەۋىيەنى قوغلىشىشتىن، خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشقا تەرەققىي قىلىدۇ
كىچىك ئىلاۋە:
2012 - يىلى 1 - ئايدا، ئېلىمىز مۇستەقىل ئىختىرا قىلغان TD _LTE تېخنىكىسى خەلقئارا ئۆلچىمىنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلدى، بۇ خەلقئارا ئۆلچىمىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ خەلقئارادا جۇڭگو ئۆلچىمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.



خەتكۈچلەر:
16-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek